گوەن چىڭلەن
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
شىبە، 1889 - يىلى تۇغۇلغان. ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1903 - يىلىغىچە كۈرە باشلانغۇچى مەكتەپتە ئوقۇغان. شۇ يىلى چىڭ ئوردىسى ئۇنى ئالما - ئاتا گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. 1910 - يىلى گىمنازىيىنى ئەلا پۈتتۈرۈپ، ئالتۇن مىدال ئېلىپ ئىلغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي چىڭلەن ئىلى 3 - سۇمۇلدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
1914 - يىلى ئۇ ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ كېلىپ، دىپلوماتىيە ئىدارىسىنىڭ چېگرا سودا ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1923 - يىلى ئالما - ئاتاغا ئەۋەتىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالما - ئاتادا تۇرۇشلۇق سودا باشقارما باشلىقى بولىدۇ. 1924 - يىلى جۇڭگو - سوۋېت دىپلوماتىيە ئورناتقاندىن كېيىن ئالما - ئاتادا تۇرۇشلۇق كونسۇل بولىدۇ. 1926 - يىلى خىزمەت ۋاقتى توشۇپ ئۆلكىگە قايتىپ خارجى ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. 1949 - يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىدا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ» زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، 1972 - يىلى ۋاپات بولىدۇ.