لوجى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
لوجى، خەنزۇ، 1915 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گاۋمىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1931 - يىلى جىلىن ياپونغا قارشى قوغدىنىش ئەترىتىگە قاتناشقان. 1938 - يىلى «شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇيۇشمىسى» غا قاتنىشىپ شۆبە ئۇيۇشمىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى بولغان. 1946 - يىلى «شىنجاڭ كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى» (كېيىن «دېموكراتىك ئىنقىلابىي پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتىلگەن) گە قاتنىشىپ (ئۈرۈمچى) رايونىنىڭ سىكرىتارى بولغان. «كۈرەش» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلغان. 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1 - سانلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ بەختكە قارشى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان.