جاڭ لەن
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
جاڭ لەن (1872 −1955 - يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدىن، دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زات بولۇپ، ئەينى يىللاردا سىچۇەندە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، جۇ دې، لو رۇيچىڭ قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.1911 - يىلى سىچۇەندە يول قوغداش ھەرىكىتى پارتلىغاندا، جاڭ لەن ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، سىچۇەندە يۈەن شىكەيگە قوراللىق جازا يۈرۈشى قىلغان.1920 - يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇزاق ئۆتمەيلا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، داۋاملىق مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، چېڭدۇ دارىلمۇئەللىمىنىنىڭ مۇدىرى، چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جاڭ لەن خەلق سىياسىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتناشقان، گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت سىياسىىتىگە ئوچۇق - ئاشكارا زەربە بەرگەن.1941 - يىلى3 - ئايدا، ئۇ چۇڭچىڭدا جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالغان.1944 - يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى دەپ ئۆزگەرتىلگەندە، ئۇ رەئىسلىكنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېموكراتىك ئىتتىپاق دېموكراتىيە ۋە ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇستەبىتلىك ۋە بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن زور تۆھپە قوشقان.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، جاڭ لەن خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم ئەتكەن. ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، »گومىنداڭ قۇرۇلتىيى«غا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان.1946 - يىلى7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، دېموكراتىك ئىتتىپاقتا ئۆتكۈزۈلگەن لى گۇڭپۇ، ۋېن يىدونىڭ ماتەم مۇراسىمىدا، جاڭ لەن گومىنداڭ ئىشپىيونلىرىنىڭ فاشىستىك زوراۋانلىقىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلەپ، گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ئوچۇق - ئاشكارا زەربە بەرگەن. يىغىندىن تارقىغاندا، ئىشپىيونلارنىڭ قاتتىق ئۇرۇشى بىلەن، ئۇنىڭ باش قىسمى يارىلانغان.1947 - يىلى دېموكراتىك ئىتتىپاق گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا شاڭخەيدە قېلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشمىغان.1949 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا ھەمدە جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جاڭ لەن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاكى1955 - يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغانغا قەدەر، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.