لياۋ جۇڭكەي
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
لياۋ جۇڭكەي (1877 −1925 - يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيياڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى، گومىنداڭنىڭ سولچىلار داھىيسى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدىكى بىر مۇھاجىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،16 يېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.1902
- يىلى لياۋ جۇڭكەي دۆلەت ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان.1903 - يىلى9 - ئايدا، ئۇ رەپىقىسى خې شياڭنىڭ بىلەن سۇن جۇڭشەننى زىيارەت قىلىپ، سۇن جۇڭشەن شەرھلىگەن ئىنقىلابنىڭ قائىدىلىرىگە ئىنتايىن قايىل بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ دېموكراتىك ئىنقىلاب ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان.1905 - يىلى ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، ئەڭ دەسلەپكى ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.1911 - يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ گۇاڭدۇڭدىكى تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئىنقىلاب ئۈچۈن خىراجەت غەملەش ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى تەشكىللەش پائالىيىتىگە كۈچ چىقىرىپ، سۇن جۇڭشەنگە ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە ۋە خېيىمخەتەرگە قارىماي، مۇستەبىت يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇننى قوغداش كۈرىشى بىلەن پائال شۇغۇللانغان.1921
- يىلى سۇن جۇڭشەن گۇاڭجۇدا پەۋقۇلئاددە بۈيۈك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، لياۋ جۇڭكەي گۇاڭدۇڭنىڭ مالىيىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرتىپكە سېلىپ، ھەربىي خىراجەت توپلاپ، سۇن جۇڭشەننىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى6 - ئايدا چېن جياۋمىڭ خائىنلىق قىلغاچقا، لياۋ جۇڭكەي قولغا ئېلىنىپ گۇاڭجۇنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى شىجىن قورال زاۋۇتىغا قاماپ قويۇلغان، كېيىن ئۇنىڭ رەپىقىسى خې شياڭنىڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق خەتەردىن قۇتۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سۇن جۇڭشەننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى - دېھقانلارغا يار - يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى بەلگىلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان.1924 - يىلى گومىنداڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىشچىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، دېھقانلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، ھەربىي تەمىنات باش نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.1925 - يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، يېڭى ئۈچ مەسلەكتە تۇرۇپ، گومىنداڭ سولچىلىرىنىڭ بايراقدارى ۋە داھىيسى بولغان ھەمدە گومىنداڭ ئوڭچىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغان.1925
- يىلى8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بەزىلەر لياۋ جۇڭكەيگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىز ھەممىمىز قۇربان بولۇشقا تەييار تۇرغان ئادەملەر، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق» دېگەن.8 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئۇ مەركىزىي پىرقىغا يىغىنغا كېتىۋېتىپ، يولدا گومىنداڭ ئوڭچىلىرى كۈشكۈرتكەن توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. لياۋ جۇڭكەي قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن گۇاڭجۇغا دەپنە قىلىنغان، كېيىن نەنجىڭدىكى جۇشەن قەبرىستانلىقىنىڭ يېنىغا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغان.