لى گۇڭپۇ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1946 - يىل7 - ئاينىڭ11 - كۈنى كەچتە، ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ كوچىسىدا گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، ئۇ ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زات لى گۇڭپۇ ئىدى.
لى گۇڭپۇ (1902 −1946 - يىللار)نىڭ ئەسلىي يۇرتى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرى بولۇپ، جېنجياڭ دېگەن يەردە تۇغۇلغان. ئۇ نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققاچقا، دەسلەپتە شاگىرت بولغان،1919 - يىلى4 - ماي ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ «ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۆمىكى» نى تەشكىللەپ كوچىلارغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ياپون ماللىرىغا قارشى تۇرغان.1925 - يىلىدىكى «30 - ماي ھەرىكىتى» دە، شاڭخەي خۇجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىغا ئاكتىپ قاتناشقان ۋە بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، شاڭخەي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.1928 - يىلى ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان.1930 - يىلى ۋەتەنگە قايتقان.1931
- يىلى «18 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، لى گۇڭپۇ شاڭخەيدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت - مائارىپ خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان.1936 - يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىلىرىگە قاتنىشىپ، مەسئۇللارنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى11 - ئايدا شېن جۇنرۇ، جۇ تاۋفېڭ قاتارلىق يەتتە كىشى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىدىكى يەتتە ئەزىمەت» ۋەقەسى دەپ ئاتالغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەنشى، ۋۇخەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئاشكارا چاقىرىق قىلىپ ۋە مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، ئارقا سەپتىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.1945
- يىلى لى گۇڭپۇ جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلار مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، قوشۇمچە مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئالغان.1946 - يىلى2 - ئاينىڭ10 - كۈنى، ئۇ چۇڭچىڭدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى جياۋچاڭكۇدا يىغىلىشقا تەشكىللەپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى ۋە يىغىننىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى يىغىن مەيدانىدا قالايمىقانچىلىق چىقارغاندا، باش قىسمى يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. جۇ ئېنلەي دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىغاندا، ئۇ: «دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بۇنچىلىك يارا ھېچ گەپ ئەمەس» دېگەن.
لى گۇڭپۇ چۇڭچىڭدىن كۇنمىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئىشپىيونلىرىنىڭ قورقۇتۇشى ۋە تەھدىت سېلىشىغا قارىماي، يەنىلا ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.1946 - يىلى7 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۇ يۈرۈش - تۇرۇشى گۇمانلىق بىرىنىڭ دائىم ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ قەستكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالدىن سەزگەن ھەمدە ئۆيىدىكىلەرگە: «مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم، قايتىپ كېلىشىم ناتايىن» دېگەن. دېگەندەكلا،7 - ئاينىڭ11 - كۈنى ئىشپىيونلارنىڭ ئوقى تېگىپ، ئەتىسى سەھەردە ۋاپات بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى ئاققۇچە كۈرەش قىلغان.