UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىشۈ دېخېڭ

شۈ دېخېڭ

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى شۈ دېخېڭ (1890 −1990 - يىللار) دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئاتاقلىق رەھبىرى. ئۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېخۇا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرىپ، شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان. «4 - ماي» ھەرىكىتىدە، ئۇ ئاتاقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ داھىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «4 - ماي» خىتابنامىسىنىڭ تېزىسىنى يازغان.1920 - يىلى فرانسىيىگە بېرىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇپ، فرانسىيىدە ماركسىزمنى قوبۇل قىلغان.1927 - يىلى شۈ دېخېڭ ۋەتەنگە قايتقان، شۇ ۋاقىتتا ئىنقىلابنىڭ مەركىزى گۇاڭجۇ بولۇپ، شۇ بۈيۈك ئىنقىلاب ئېقىمىغا كىرىپ كەتكەن. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شاڭخەيدە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە يېزىقچىلىقى ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1931 - يىلى «18 - سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك سىياسىتىگە زەربە بەرگەن ھەمدە1932 - يىلى قولغا ئېلىنغان. كېيىن سۇڭ چىڭلىڭنىڭ قۇتۇلدۇرۇشى بىلەن تۈرمىدىن چىققان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شۈ دېخېڭ چۇڭچىڭدا پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىك ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىق، كۈرەشتە ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنى بولغان9 - ئاينىڭ3 - كۈنىدىكى بۇ سۆھبەت يىغىنىنىڭ نامى كېيىن «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گومىنداڭ ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلاردىن2000 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان. شۇ دېڭخېڭنىڭ قوزغىتىشى بىلەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى13 پروفېسسور ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلغان، بۇ ئەينى ۋاقىتتا «ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۈ دېخېڭ سىياسىي ئىشلار مەھكىمىسى قانۇن - تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن بىرىنچى قېتىملىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزگەن ھەمدە بىرقانچە قانۇن - نىزاملارنىڭ تۈزۈلۈشىگە پائال تۆھپە قوشقان. سۇ مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، جۇڭگونىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ1 - نۆۋەتلىكتىن باشلاپ7 - نۆۋەتلىككىچە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. شۈ دېخېڭ89 يېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1990 - يىلى2 - ئايدا بېيجىڭدا100 يېشىدا ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى