ۋاڭ جىنشى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1959 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئون يىل بولغان پەيتتە، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى چوڭ نېفىتلىكى ئېچىلىشقا باشلىغانىدى، شۇڭا بۇ نېفىتلىك «زور تەنتەنە» دېگەن مەنىدە «داچىڭ» دەپ ئاتالدى. داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى جۇڭگونىڭ «ئەجنەبىيلەر نېفىتى» گە تايىنىش تارىخىغا خاتىمە بەردى. داچىڭ نېفىتلىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەملىكەت بويىچە داچىڭدىن ئۆگىنىش، داچىڭلىقلار بولسا »تۆمۈر ئادەم« ۋاڭ جىنشىدىن ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمەنكى، نېفىتلىك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشتىن يانمايمەن» دېگەن بۇ «تۆمۈر ئادەم روھى» جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
ۋاڭ جىنشى (1923 −1970 - يىللار) گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يۈمىن دېگەن يېرىدىن. يۈمىن جۇڭگونىڭ تۇنجى نېفىت كانى بولۇپ، ۋاڭ جىنشى15 يېشىدا بۇ كانغا كىرىپ شاگىرت بولغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا، ئۇ ئون يىللىق خىزمەت ستاژىغا ئىگە «كونا ئىشچى» بولۇپ قالغانىدى.1959 - يىلى، ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك قەھرىمانلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئەينى ۋاقىتتا نېفىت كەمچىل بولغاچقا، پايتەختتىكى ئاپتوبۇسلارغا كۆمۈر گازى خالتىسى ئورنىتىلغانىدى. ۋاڭ جىنشى بۇ «چوڭ بوپا» خۇددى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى بېسىۋالغاندەك غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، بىرنەچچە كۈنگىچە تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىغانىدى. داچىڭ نېفىتلىكىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى باشلىنىشى بىلەن تەڭ، ئۇ1205 - قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنى باشلاپ ئۇدۇل داچىڭغا باردى.
نېفىتلىك قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىشچىلار ئاسماننى يېپىنچا، چۆللۈكنى سېلىنچا قىلىپ، غىزالىنىش ۋە يېتىپ - قوپۇش ئىشلىرىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق تارتقانىدى. بىراق، ۋاڭ جىنشى نېفىتلىككە كېلىپلا: «قۇدۇقنى نەگە ئورۇنلاشتۇرىمىز؟ » دەپ سورىدى. بۇرغىلاش ماشىنىسى بولسىمۇ، لېكىن كران يوق بولغاچقا، ئۇ بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى30 نەچچە قاۋۇل يىگىتنى باشلاپ، ئارغامچىنى كراننىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئېغىرلىقى60 نەچچە توننا كېلىدىغان خادىنى چۆللۈككە تىكلىدى. نېفىت بۇرغىلاشقا كېرەكلىك سۇ بولمىغاچقا، ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ200 توننىدىن ئارتۇق سۇ ئەكېلىپ ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن داچىڭنىڭ تۇنجى قۇدۇقىدىن نېفىت فونتاندەك ئېتىلىپ چىقتى.
ۋاڭ جىنشى بالدۇرراق، كۆپرەك نېفىت ئېلىش ئۈچۈن، بار شارائىتتىن تولۇق پايدىلاندى، شارائىت بولمىسا ئامال قىلىپ شارائىت ياراتتى. جاپالىق، قىيىن، خەتەرلىك ئىش بولسا، بىرىنچى بولۇپ ئاتلاندى. ئىككىنچى قۇدۇقنى بۇرغىلاۋاتقاندا ئۇنىڭ پۇتى يارىلانغانىدى، شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھاسىغا تايىنىپ قۇدۇق بېشىغا بېرىپ قوماندانلىق قىلدى. بىر قېتىم تۇيۇقسىز قۇدۇق پارتلاپ، بۇرغىلاش ماشىنىسى ئۈستىدىكى نەچچە ئون كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى خىش ئاسمانغا چىقىپ كەتتى، قۇدۇقنى دەرھال ئېتىۋەتمىگەندە، قۇدۇق ۋەيران بولۇپ، ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقاتتى، نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇدۇق جازىسىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كېتەتتى. ۋاڭ جىنشى: »دەرھال لاي كۆلچىكىگە چۈشۈپ سېمونت ئىلەشتۈرۈڭلار« دەپ ۋارقىرىغاچ، ھېچ نەرسىگە قارىماي لاي كۆلچىكىگە سەكرەپ چۈشۈپ، لاي ئىلەشتۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئورنىدا بەدىنى بىلەن لاينى ئىلەشتۈردى. ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قۇدۇق ئاخىر تىزگىنلەندى. بۇ چاغدا ۋاڭ جىنشىنىڭ كۆلچەكتىن چىققۇچىلىكمۇ ماغدۇرى قالمىغانىدى، يارىلانغان پۇتى ئىشقارلىقى كۈچلۈك سېمونتتا چىرىپ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كەتكەنىدى. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئامما: «سىلەرنىڭ ۋاڭ ئەترەت باشلىقى ھەقىقەتەن <تۆمۈر ئادەم> ئىكەن» دەپ ئۇنى ئىختىيارسىز ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ «تۆمۈر ئادەم» دېگەن نام پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى.1966
- يىلى ۋاڭ جىنشى بۇرغىلاش ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ، يەنە شۇ40 - يىللاردىكى كونا بۇرغىلاش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، يىلىغا100 مىڭ مېتىر بۇرغىلاشتەك دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى. ۋاڭ جىنشى ھەقىقەتەن جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇ1970 - يىل11 - ئاينىڭ15 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.