فېڭ يۈشياڭ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1924 - يىل10 - ئاينىڭ22 - كۈنى كېچە، بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيە بىلەن فېڭشى مىلىتارىستلىرى كەسكىن جەڭ قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيىنىڭ بىر قوشۇنى بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيىنىڭ باشلىقى، زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ساۋ كۈننى تەختتىن قوغلاپ چۈشۈرۈۋېتىدۇ. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «بېيجىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى» دۇر. بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغۇچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيىنىڭ باشلىقى فېڭ يۈشياڭ ئىدى.
فېڭ يۈشياڭ (1882 −1949 - يىللار) ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جاۋشيەن ناھىيىسىدىن. ئۆسمۈر چېغىدىلا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، شىمالىي مىلىتارىستلار ئارمىيىسىدە برىگادا كوماندىرى، دىۋىزىيە كوماندىرى، ھەربىي ۋالىي قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇۋېلىشىغا ۋە جاڭ شۈننىڭ تىرىلىشىگە قارشى جازا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە سۇن جۇڭشەن بىلەن ئالاقىلەشكەن.1924 - يىلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندا، بىۋاسىتە قاراشلىق ئارمىيە3 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. ئارقىدىن، ئۇ ئەسكەر ئەۋەتىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى فۇيىنى زىجىنچېڭدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، سۇن جۇڭشەننى شىمالغا كېلىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ يەنە قىسىمنى مىللىي ئارمىيىگە ئۆزگەرتىپ، ئۆزى باش قوماندان، قوشۇمچە1 - كورپۇسنىڭ كوماندىرى بولغان.1925 - يىلى ئەتىيازدا مىلىتارىست جاڭ زولىن تەرىپىدىن بېيجىڭ شەھىرىدىن قىستاپ چىقىرىلىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ چېگرا مۇداپىئە نازارەتچىسى بولغان. ئۇنىڭ قىسمى يەنە غەربىي شىمال ئارمىيىسى دەپمۇ ئاتالغان.1926
- يىلى9 - ئايدا، فېڭ يۈشياڭ قىسىمنى باشلاپ ۋۇيۈەن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل)دا قەسەم بېرىپ، شىمالىي مىلىتارىستتىن ئايرىلىپ، جۇڭگو گومىنداڭىغا كوللېكتىپ ئۆتكەنلىكىنى، مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىدىغانلىقىنى، شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خېنەننى ھۇجۇم قىلىپ ئالغاندىن كېيىن،2 - گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان.1927 - يىلى6 - ئايدا، ئۇ شۈيجۇدا جياڭ جيېشى قاتارلىقلار بىلەن كومپارتىيىگە قارشى يىغىن چاقىرغان. يىغىندىن كېيىن،2 - گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىدىكى كومپارتىيىلىكلەرنى «ئەدەپ بىلەن گومىنداڭدىن چىقىرىۋەتكەن».1928 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇ جياڭ جيېشى گۇرۇھى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ئەسكەر باشلاپ جياڭ جيېشىغا قارشى تۇرغان. ئاخىر جياڭ جيېشى بىلەن فېڭ يۈشياڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ پارتلاپ، ئۆزى مەغلۇپ بولغان.1930 - يىلى ئۇ يەنە يەن شىشەن، لى زۇڭرېنلار بىلەن بىرلىشىپ جياڭ جيېشىغا يەنە بىر قېتىم قارشى چىققان. بۇ قېتىم پارتلىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا يەنە مەغلۇپ بولغان.1931 - يىلى «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان.1933 - يىلى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چاخار ئۆلكىسى (ھازىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەنشى، خېبېي ۋە ئىچكى موڭغۇلغا تەۋە)دە چاخار، سۈييۈەن ئاممىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، باش قوماندان بولۇپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىپ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئارمىيىدىن ئايرىلىپ تەيشەن تېغىغا ماكانلىشىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولغان.1936
- يىلى فېڭ يۈشياڭ مىللىي ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىنكى يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن،6 - جەڭ رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئارقىدىن، ئۇ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىش مەيدانىدا تۇرۇپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان.1946
- يىلى فېڭ يۈشياڭ سۇ ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش نامى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1948 - يىلى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغاندا، ئۇ مەركىزىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.9 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاراخوتىغا چۈشۈپ، يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىدە، قارا دېڭىز تەۋەسىدە پاراخوتقا ئوت كېتىپ قازا قىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەيشەن تېغىغا فېڭ يۈشياڭ ئۈچۈن مەقبەرە ياساتقان.