ۋۇتەيشەن تېغىدىكى بۇددا نۇرى ساڭرامى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
ۋۇتەيشەن تېغى (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدە) تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ بۇددا دىنى مەركىزىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن بۇتخانىلار سېلىنغان.5 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سېلىنغان بۇددا نۇرى ساڭرامى شۇ زامانلاردىكى «10 چوڭ ئىبادەتخانا» نىڭ بىرى بولۇپ، تاغنىڭ غەربىي يان باغرىنى بويلاپ ئۈچ قەۋەتلىك سۇپا شەكلى ھاسىل قىلىنىپ ئەڭ ئۈستىگە بۇدساتۋا سارىيى سېلىنغان.
بۇددا نۇرى ساڭرامىنىڭ بۇدساتۋا سارىيى تاڭ سۇلالىسىنىڭ داجۇڭ11 - يىلى (مىلادىيە857 - يىلى) سېلىنغان، ئۇ ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق بۇدساتۋا سارايلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ساراينىڭ ئالدى تەرىپى يەتتە ئېغىزلىق، يان تەرىپى تۆت ئېغىزلىق بولۇپ، تۈۋرۈكلىرى ئىچىدىن سىرتىغا ئىككى ئايلانما ھالىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ساراينىڭ ئارقا يېرىمىنى دېگۈدەك ئاجايىپ يوغان بۇت تەكچىسى ئىگىلىگەن، تەكچىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا ئۈچ ئاساسلىق بۇت ۋە ياردەمچى بۇتلار، يان تەرەپلىرىگە كۈچ - قۇدرەت مۇئەككىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەيكەللىرى جايلاشتۇرۇلغان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا بىناكارلىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق سەنئىتىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ئاجايىپ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇددا نۇرى ساڭرامىنىڭ بۇدساتۋا سارىيىدىكى بۇتلار ھەتتا ساراي تۈۋرۈكلىرىدىنمۇ ئېگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇت تەكچىلىرى ياسىلىپ، بۇتلارنىڭ ئاساسلىق ئورنى تەبىئىي ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. سارايدىكى ئىخچام لىم - تۈۋرۈكلەر ۋە زىچ جايلاشتۇرۇلغان تورۇسلار، بۇتلاردىكى نەپىس ئويمىلار بىلەن ئاددىي قۇرۇلمىلار تازا مۇۋاپىق سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن.
بۇدساتۋا سارىيىنىڭ ئالدىدا پاكار سۇپا بار، تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئېگىزلىكى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، يەنى ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئىككى يانغا ئاز - ئازدىن ئېگىزلىتىلگەن. ھەربىر تۈۋرۈك بېشىغا «دۇگۇڭ» دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ زور ۋە مۇرەككەپ بىرىكتۈرگۈچى قۇرۇلما − لىم تەگلىكى جايلاشتۇرۇلغان، بۇ تەگلىك لەمپىنى تۆت مېتىر ئېگىزلىتىپ تۇرىدۇ. ئۆگزىسى ئىنتايىن سىپتا ئەگرى سىزىق ھالىتىدە بولۇپ، لەمپە گىرۋىكىنىڭ سەل - پەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئۇچلىرى بىلەن ناھايىتى ئەپلىك ماسلاشتۇرۇلغان. ئۆگزىسى تەكشى، ساراينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆگزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆگزىنىڭ گىرۋىكى ئادەمگە ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، لىم تەگلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئاجايىپ كۆركەم، ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.