جياۋ يۈلۇ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1964 - يىلى باش ياز، ئاپەتتىن كېيىنكى لەنكاۋ زېمىنىدا ئاز كۆرۈلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، ئاممىنىڭ چىرايىغا خاتىرجەملىك كۈلكىسى يۈگۈردى. بىراق، ئۇلارنىڭ ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى جياۋ يۈلۇ قاتتىق چارچاش سەۋەبىدىن ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. «ئۆزىنى ئۇنتۇپ، خەلقنى كۆڭلىگە پۈككەن» بۇ پارتىيە ئەزاسى قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ئاممىغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارغا كۆز يېشى قىلماي، لەنكاۋنىڭ قۇم بارخانلىرىنى چوقۇم ياخشى تىزگىنلەشنى تاپىلىدى. ئۇنىڭ ھېچقانداق شەخسىي تەلىپى يوق ئىدى، پەقەت ۋاپات بولغاندىن كېيىن لەنكاۋنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن قىياپىتىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئۆزىنىڭ جەسىتىنى لەنكاۋنىڭ قۇم بارخانلىرىغا دەپنە قىلىشىنىلا ئارزۇ قىلاتتى.
جياۋ يۈلۇ (1922 −1964 - يىللار) شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زىبو دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا پومېشچىكلارغا ئىشلىگەن، ياپون ئالۋاستىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ ئەمگەككە سېلىنغان،1945 - يىلى خەلق ئەسكىرى بولغان. كېيىنكى يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىپ، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئاتلانغان.1962
- يىلى قىشتا، ئۇ خېنەننىڭ لەنكاۋ ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. بۇ چاغدا، لەنكاۋ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلار يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە باشلىغان، كادىرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى. جياۋ يۈلۇ لەنكاۋغا بېرىپ ئەتىسىلا، ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان لاۋخەنلىڭ كەنتىگە بېرىپ، قۇم - بوران، سۇ ئاپىتى، يەرلەرنىڭ شورلىشىشى قاتارلىقلارنى تۈزىگىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. ئۇ ناھىيىلىك پارتكوم رەھبەرلىرىك بەنزىسىدىكىلەرنى باشلاپ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچراپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن دېھقانلارنى يوقلاپ، قاتتىق قاردا قالغان ئاممىغا قۇتقۇزۇش ئاشلىقى يەتكۈزۈپ بەرگەن؛ دېھقانلارنىڭ كەپىسىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭمۇ دېھقان ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. قىسقىسى، ئۇ پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقنى خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزگەن. ئۇ پىلانلاش ئەترىتىگە ئەگىشىپ، شامال ئېغىزىنى ۋە كۆچمە قۇمنى تەكشۈرۈپ، كەلكۈننىڭ ئېقىش ھالىتى ۋە ئۆزگىرىشىنى كۆزەتكەن. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قاتتىق بوران - چاپقۇندا2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، پۈتۈن لەنكاۋنى ئارىلاپ چىقىپ، لەنكاۋنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغان.
جياۋ يۈلۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان، زادىلا ئالاھىدە بولۇۋالمىغان. بىر قېتىم ئۇنىڭ كىچىك بالىسى ئويۇن كۆرۈش ئۈچۈن بېلەت ئالماي كىنوخانىغا كىرگەندە، ئۇ بالىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭغا بېلەت ئالدۇرغان ھەمدە ھەرقانداق كادىرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق توغرىسىدا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرگەن.1964
- يىلى باھاردا، جياۋ يۈلۇنىڭ جىگەر كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا قولى بىلەن دائىم ئاغرىيدىغان تەرىپىنى بېسىپ تۇرىدىغانلىقىنى ياكى بىرەر قاتتىق نەرسىنى ئورۇندۇقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تىرەپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئوڭ قولىنى يۆلەپ تۇرىدىغان يېرىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان. باش يازدا لەنكاۋ رايونىدا مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدى تۇغۇلغاندا، جياۋ يۈلۇنىڭ كېسىلى جىگەر راكىغا ئايلىنىپ كەتكەن... ئاخىر ئۇ1964 - يىل5 - ئاينىڭ14 - كۈنى ۋاپات بولغان، پۈتۈن ناھىيىدىكى خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرىنى جياۋ يۈلۇنىڭ خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاشتەك كوممۇنىستىك ئەخلاق - پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.