خۇاڭ جىگۇاڭ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1952 - يىلى10 - ئايدا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەيدانىدا ئەڭ ئېچىنىشلىق شاڭگەنلىڭ ئۇرۇشى پارتلىدى.10 - ئاينىڭ20 - كۈنى، لاگېرنىڭ خەۋەرچىسى خۇاڭ جىگۇاڭ باشلىقى بىلەن بىللە شاڭگەنلىڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئېگىزلىككە چىقتى. قىسىمنىڭ ھۇجۇمى دۈشمەننىڭ مەركەزلىك ئوت كۈچى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، نەچچە قېتىملىق پارتلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خۇاڭ جىگۇاڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان ئىرادىنامىسىنى باشلىقىغا تەڭلەپ، جەڭگە چىقىشنى تەلەپ قىلدى. باتاليون كوماندىرى22 ياشلىق بۇ يېڭى ئەسكەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى.
خۇاڭ جىگۇاڭ ئىككى ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ، يۈگۈرۈپ ماڭغاچ گرانات ئېتىپ، دۈشمەننىڭ بىرقانچە ئوت كۈچىنى بىتچىت قىلدى.30 −40 مېتىردەك ئارىلىق قالغاندا، ئىككى سەپدىشى ئوق تېگىپ يىقىلدى، خۇاڭ جىگۇاڭنىڭمۇ سول بىلىكى يارىلاندى. ئۇ قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، دۈشمەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوت كۈچى بار تەرەپكە بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ناھايىتى تەستە ئىلگىرىلىدى، ئوت كۈچىگە يېتىپ كېلەي دېگەندە ئوڭ قولى بىلەن گراناتنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىگە ئۆزىنى ئاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ كۆكرىكىگە نەچچە پاي ئوق تەگدى، ئۇ پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ گراناتنى غەزەپ بىلەن دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىگە قارىتىپ ئاتتى، «گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مىلتىقلار ئوق ئېتىشتىن توختىدى، ئۇمۇ تەڭلا يىقىلدى.
ئەتراپتىن ئاندا - ساندا ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇ بۇنىڭدىن چۆچۈپ ھوشىغا كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوت ئۇچقۇنى چىقىشقا باشلىدى، ئۇ ئاتاكىغا ئۆتكەن جەڭچىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يىقىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭ قولىدا ھېچقانداق قورال يوق ئىدى، ئۇ يەتتە يېرىگە ئوق تېگىپ يارىلانغان بەدىنىنى ئاستا - ئاستا يۆتكەشكە باشلىدى. بىر قەدەم، يەنە بىر قەدەم ... ئۇ ئىستىھكامغا ئەنە شۇنداق يېقىنلىشىپ، ئۇشتۇمتۇت ئورنىدىن تۇردى - دە، دۈشمەنلەر ئوق ئېتىۋاتقان تۆشۈكنى كۆكرىكى بىلەن توسۇۋالدى... ئۇ ئەنە شۇنداق مەردلەرچە قۇربان بولدى.
جەڭچىلەر خۇاڭ جىگۇاڭ ئېچىپ بەرگەن يول بىلەن تاغ چوققىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ1200 ئەسكىرىنى يوقاتتى.
خۇاڭ جىگۇاڭ (1930 −1952 - يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جۇڭجياڭ ناھىيىسى شىما كەنتىدىن بولۇپ، دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، كىچىكىدە پومېشچىكنىڭ كالىسىنى بېقىپ كۈن كەچۈرگەن.1951 - يىلىنىڭ بېشىدا جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشقان. ئۇ قۇربان بولغاندا ئاران22 ياشقا كىرگەنىدى. پىدائىيلار قوشۇنى ئۇنى ئالاھىدە1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، دەپ ئەنگە ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا «ئالاھىدە قەھرىمان» دەپ نام بەردى. چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي خەلق مەجلىسىدە ئۇنىڭغا «چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانى» دەپ نام بەردى ھەمدە ئالتۇن يۇلتۇز ئوردېنى، بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەت بايرىقى ئوردېنى تەقدىم قىلدى.