UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىچاڭلىڭ لىڭئېن سارىيى

چاڭلىڭ لىڭئېن سارىيى

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى مىلادىيە1424 - يىلىدىن ئىلگىرى سېلىنغان چاڭلىڭ مىڭ چىڭزۇنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، باشقا قەبرىستانلىقلار بىلەن بىرلىكتە بىر قۇرۇلۇش توپىنى ھاسىل قىلغان، ئۇ تارىختا «شىسەنلىڭ (13 قەبرە)» دەپ ئاتالغان. چاڭلىڭنىڭ شىمالى «لىڭئېن» قوۋۇقى بولۇپ، «لىڭئېن» سارىيىغا مۇشۇ قوۋۇقتىن كىرىدۇ. بۇ ساراي ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ زور ھەم قەدىمىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ئېلىمىز بويىچە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك توققۇز ئېغىزلىق، قوش لەمپىلىك، يان ھۇجرىلىق ساراي ھېسابلىنىدۇ. ساراي بويىغا توققۇز ئېغىز،75 .66 مېتىر، توغرىسىغا بەش ئېغىز،31 .29 مېتىر بولۇپ، كۆلىمى گۇگۇڭدىكى «تەيخې» سارىيىدىنمۇ چوڭ. چاڭلىڭ «لىڭئېن» سارىيىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىگە «تەيخې» سارىيىنىڭكىدىنمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىلگەن − ساراي ئىچىدە سېرىق ماخىل ياغىچىدىن ياسالغان12 چوڭ تۈۋرۈك بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈكنىڭ ھەربىرىنىڭ دىئامېتىرى17 .1 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن23 مېتىر كېلىدۇ، سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى جەھەتتە، بىناكارلىق تارىخىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. «لىڭئېن» سارىيى سېلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن600 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، تالاي قېتىملىق يەر تەۋرەش ۋە چاقماق چۈشۈشلەردىمۇ ھېچقانداق قىيسىيىپ قالماي، يەنىلا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. چاڭلىڭ «لىڭئېن» سارىيىنىڭ شەكلى كىشىگە پۇختا ۋە ئازادىلىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. سېرىق سىرلىق كاھىش بىلەن يېپىلغان غايەت زور ئۆگزىسى ئىككى قەۋەت، ئۇ ئالدى ئۆگزىسى بىلەن تۈز گورىزونتال تەكشىلىك شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئىككى قەۋەت لەمپە گىرۋىكى ئاجايىپ نەپىس ياسالغان لىم تەگلىكلىرى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ساراينىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئۆي بىرقەدەر كەڭ، ئۇنى ئۈچ قەۋەت ئاق تاش تەگلىكى ئۈستىگە تىكلەنگەن چوڭ ياغاچ تۈۋرۈك ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئاستى - ئۈستى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
چاڭلىڭ لىڭئېن سارىيى | UyghurWiki | UyghurWiki