بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىڭشيەن ناھىيىسىگە جايلاشقان بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىڭنىڭ2 - يىلى (مىلادىيە1056 - يىلى) ياسالغان، ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قەدىمكى ياغاچ مۇنار، شۇنداقلا دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېگىز ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى.
مۇنار يۈزى سەككىز بۇرجەكلىك توققۇز قەۋەت قىلىپ ياسالغان، ئوتتۇرىدىكى تۆت قەۋەت تېشىغا كۆرۈنمەيدىغان بولغاچقا، قارىماققا بەش قەۋەتتەك، ئۇنىڭغا1 - قەۋىتىدىكى قوش قەۋەتلىك لەمپىسى قوشۇلۇپ ئالتە قەۋەتتەك كۆرۈنىدۇ. ھەربىر قەۋىتىدە لەمپىسى بار، بۇ خىل ياغاچ مۇنار كۆپ قەۋەتلىك ئېگىز راۋاقتەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا »راۋاق شەكىللىك مۇنار« دەپ ئاتالغان.
مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى3 .67 مېتىر، ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ دىئامېتىرى27 .30 مېتىر كېلىدۇ، گەۋدىسى كېلەڭسىز، ئەمما ھەربىر قەۋىتىدىكى لەمپىگە سىرتقا كېڭەيتىلگەن تەكشىلىك ۋە كارىدور، شۇنىڭدەك قۇراشتۇرۇلما ئۇچلۇق ئۆگزە ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەش تۇيغۇسىغا باي تۆمۈر چوققا ياسالغاچقا، تولىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
مۇنارنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكلىرى ئىچكى - تاشقى ئىككى ئايلانمىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەربىر قەۋەتتىكى تاشقى ئايلانما تۈۋرۈكلەر ئۆزىنىڭ ئاستى قەۋىتىدىكى تۈۋرۈكلەردىن يېرىم تۈۋرۈك دىئامېتىرى ئىچىگە سۈرۈلگەن، يەنە كېلىپ ھەرقايسى قەۋەتتىكى تۈۋرۈكلەر مۇنار مەركىزىنى بويلاپ قىيسايتىلغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئاستى چوڭ، ئۈستى كىچىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان. مۇنارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ئىچكى - تاشقى ئايلانمىلىق تۈۋرۈكلەر بىر مېتىر قېلىنلىقتىكى كېسەك تام ئىچىگە ئېلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ سىرتىدىكى بىر قاتار كىچىك تۈۋرۈكلەردىن بىر ئايلانما كارىدور شەكىللىنىپ، مۇنار تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەن.
بۇ مۇناردا راۋاقسىمان قىياپەت ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يۈزى سەككىز بۇرجەكلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن چاسا شەكىللىك مۇنارلاردىن كۆپ پۇختا ھەم مەزمۇت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئايلانمىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈۋرۈكلەر مۇنارنى تېخىمۇ پۇختا قىلىۋەتكەن. شۇڭا، شۇنچە ئەسىرلەردىن بۇيان، نۇرغۇن يەر تەۋرەشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپمۇ ھېچنېمە بولماي، ھازىرغىچە مەزمۇت ساقلىنىپ كەلمەكتە.