چاڭئەن
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
چاڭئەن شەھىرى (شىئەن شەھىرى) جۇڭگونىڭ قەدىمكى شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نەمۇنىسى. چاڭئەننىڭ ئەسلىي نامى داشىڭ بولۇپ، مىلادىيە582 - يىلى سۈي سۇلالىسىنىڭ يېڭى پايتەختى قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي تاڭ سۇلالىسى سۈي سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەندىن كېيىن «چاڭئەن» گە ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نەچچە قېتىم كەڭ كۆلەمدە قايتا ياسالغان. شەھەر قۇرۇلۇشلىرى ئىلمىي پىلانلانغان، قاتناش، كۆكەرتىش، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەرتىپلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆز زامانىسىدا دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ شەھەر ئىدى.
شۇ چاغدا چاڭئەن شەھىرى شەرقتىن غەربكىچە9721 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە8651 مېتىر، ئايلانمىسى36 كىلومېتىر كېلەتتى. شەرقىي شىمال تەرىپى ئېگىزرەك، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەسرەك ئىدى. شەھەر ئىچىدە ئىچىملىك سۇغا ۋە كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان دەريا - ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇراتتى. شەھەر سىرتىدىكى دەريالار ۋېيخې ۋە خۇاڭخې دەريالىرى ئارقىلىق بۈيۈك قانالغا تۇتىشاتتى، شۇڭا چاڭجياڭ ۋە خۇەيخې دەريا ۋادىلىرىنىڭ ئاشلىقلىرىنى پايتەختكە بىۋاسىتە توشۇغىلى بولاتتى.
سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە چاڭئەننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئوق لىنىيە بويىچە سىممېترىك، كۋادرات شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شىمال تەرىپىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسى خان، كىچىك خانىشلار تۇرىدىغان جاي ئىدى. ئوردا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا خان قەلئەسى بولۇپ، ئىچىدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە يامۇللار تۇراتتى. خان قەلئەسىنىڭ جەنۇبىي ئوق لىنىيىسىدە جۇچۆ كوچىسى بولۇپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى مىڭدې قوۋۇقىغا تۇتىشىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى ئاساسلىق يول - كوچىلار ناھايىتى كەڭ ياسالغان؛ جۇچۆ كوچىسىنىڭ كەڭلىكى150 مېتىر كېلىدۇ؛ ئوردا شەھىرى ئالدىدىكى توغرا كوچىنىڭ كەڭلىكى220 مېتىر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان ئىدى. ئوردا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى «دەنفېڭمېن» كوچىسىنىڭ كەڭلىكى180 مېتىر؛ «جىنگۇاڭ» قوۋۇقى بىلەن «چۇنمىڭ» قوۋۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ كوچا شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى غول كوچا بولۇپ، كەڭلىكى120 مېتىر كېلىدۇ؛ قالغان كوچىلارنىڭ كەڭلىكىمۇ40 مېتىردىن70 مېتىرغىچە كېلىدۇ. خان ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك ھۆرمەت قاراۋۇلى خاننىڭ ئالدى - كەينىدە سەپ تارتىپ كوچىنى بىر ئېلىپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.
شەھەر ئىچىدىكى شەرقىي بازار ۋە غەربىي بازاردىن ئىبارەت ئىككى سودا رايونى جۇچۆ كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا سىممېترىك شەكىلدە ئورۇنلاشقان. شەرقىي بازارغا ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئەمەلدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈرلۈك دۇكان - رەستىلەر ئورۇنلاشقان. غەربىي بازارغا بولسا چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرى ئورۇنلاشقان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى پارسلار بىلەن ئەرەبلەر ئاچقانىدى.
چاڭئەن شەھىرىدە قاتتىق مەھەللە تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، پۈتكۈل شەھەر108 مەھەللىگە ئايرىلغان، بىر مەھەللە بىر ئاھالىلەر رايونى (ئولتۇراق رايون) قىلىنغان. ھەربىر مەھەللىنىڭ ئۆز ئالدىغا قورشاۋ تېمى ۋە تۆت دەرۋازىسى بولغان. مەھەللىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتتىق بولۇپ، دەرۋازىلىرى كۈن چىققاندا ئېچىۋېتىلىدۇ، كۈن ئولتۇرغاندا ئالدى بىلەن كوچا دۇمبىقى60 قېتىم چېلىنىپ ئاندىن ئىشىك ئېتىۋېتىلىدۇ. مەھەللىلەردە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدىن باشقا يەنە بەگ - غوجاملارنىڭ قەسىرلىرى، قورۇ - جايلىرى ۋە ئىبادەتخانىلار ھەمدە ئۇلاردىن باشقا يەنە كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر سېتىلىدىغان چەرچىن ماللار دۇكانلىرى قاتارلىقلار بار.