UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىسەي ئې

سەي ئې

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى مىلادىيە1915 - يىلى يازدا، بېيجىڭلىقلار ئارىسىدا ئاتاقلىق گېنېرال سەي ئې بىلەن داڭلىق ناخشىچى شاۋ فېڭشيەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەپقاچتى گەپلەر تارقىلىدۇ. پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقان يۈەن شىكەي بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي قالغان بولسىمۇ، ئۇ ئەلەمدىمۇ، قەلەمدىمۇ بار بۇ گېنېرالنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن قېچىپ چىقىپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، ئادەم ئەۋەتىپ سەي ئېنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا نازارەت قىلىدۇ. دەرۋەقە، بۇ چاغدا سەي ئې ھەقىقەتەن ۋەتەننى قوغداش ھەرىكىتى قوزغاشقا مەخپىي تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. سەي ئې (1882 −1916 - يىللار)، خۇنەننىڭ شاۋياڭ دېگەن يېرىدىن،1898 - يىلى چاڭشيا «شىۋۇ» مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، لياڭ چىچاۋدىن تەلىم ئالغان، كېيىن ياپونىيىگە بارغان.1900 - يىلى تاڭ سەيچاڭلارغا ئەگىشىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خەنكۇدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ياپونىيىگە بېرىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ سېجۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپى ۋە ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، جاپالىق ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، «شەرقىي ئاسىيا ئەزىمىتى» دەپ تەرىپلەنگەن.1904 - يىلى سەي ئې ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرگە ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇلارنى قوللىغان، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىدىكى خۇاڭ شېڭ، جياۋ شېڭلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان.1911 - يىلىنىڭ بېشىدا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ لۈيجاڭى بولۇپ يۈننەنگە يۆتكەلگەن. ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ يۈننەندە قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان، ھەربىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، يۈننەننىڭ نازارەتچىسى بولغان. گۇيجۇ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، يەنە گۇيياڭغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەن. يۈەن شىكەي شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، سەي ئېنىڭ ئەسكەر باشلاپ سىرتتا تۇرۇشىدىن ئىنتايىن خاتىرجەمسىزلىنىپ، ئۇنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىپ ۋەزىپىگە قويۇپ، ئۇنى ئاستىرتىن نازارەت قىلغان. سەي ئې يۈەن شىكەينىڭ ۋەتەننى سېتىپ خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈرۈش، پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، يۈەن شىكەيگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش قارارىغا كەلگەن.1915 - يىلى11 - ئايدا، ئۇ ئۆزى بىلەن شاۋ فېڭشيەن ئوتتۇرىسىدا ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ تارقالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، يۈەن شىكەي ئەۋەتكەن ئايغاقچىلارنىڭ نازارىتىدىن پەم بىلەن قۇتۇلۇپ، بېيجىڭدىن قېچىپ چىقىپ، ياپونىيە ئارقىلىق يۈننەنگە قايتىپ كەلگەن. يۈەن شىكەي بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ، مەن بىر ئۆمۈر ئادەم ئالدىدىم، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سەي ئېگە ئالدىنىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن، دەپ ھەسرەت چەككەن.12 - ئاينىڭ15 - كۈنى، سەي ئې يۈننەندە ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى تەشكىللەپ، ئەسكەر باشلاپ يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىشتەك ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. سەي ئې كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى1 - كورپۇسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، سىچۇەنگە ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، يۈەن شىكەي ئارمىيىسى بىلەن جەنۇبىي سىچۇەندە كەسكىن جەڭ قىلغان.1916 - يىلى، يۈەن شىكەي ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان. سەي ئې سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئارمىيە نازارەتچىسى، قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىپ توكيوغا بېرىپ داۋالانغان،11 - ئايدا ساقىيالماي ئالەمدىن ئۆتكەن. سۇن جۇڭشەن ئەپەندى سەي ئېگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر سانغۇنلار بەن چاۋ ۋە مايۈەنگە ئوخشاتقان.1917 - يىلى4 - ئايدا، سەي ئېنىڭ جەسىتى يۇرتى خۇنەنگە يۆتكەپ كېلىنىپ، چاڭشادىكى يۆلۇشەن تېغىغا دەپنە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى