UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىياڭ خۇچېڭ

ياڭ خۇچېڭ

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى ياڭ خۇچېڭ (1893 −1949 - يىللار) ئېلىمىزدىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فوچېڭ دېگەن يېرىدىن، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بېسىمىغا چىداپ تۇرالماي، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا «بايلارنى يوقىتىپ نامراتلارنى قۇتقۇزىدىغان» جۇڭچيۇ ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان.1911 - يىلى شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان.1917 - يىلى شەنشى جىڭگوجۈن ئارمىيىسى5 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان.1924 - يىلى فېڭ يۈشياڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئارمىيىدە دىۋىزىيە كوماندىرى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان.1927 - يىلى قىسىمنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ كورپۇس كوماندىرى، شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، شىئەن سۈيچىڭ مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياڭ خۇچېڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن جياڭ جيېشى ئۇنى قىزىل ئارمىيىنى «قورشاپ يوقىتىش» قا بۇيرۇغان. قىزىل ئارمىيە بىلەن جەڭ قىلىش داۋامىدا، ئۇنىڭ قىسمى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇ قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىم تۈزگەن.1936 - يىلى12 - ئاينىڭ بېشىدا، جياڭ جيېشى شىئەنگە كېلىپ ياڭ خۇچېڭ بىلەن جاڭ شۆلياڭنىڭ «كومپارتىيىنى قورشاپ يوقىتىش» ىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. ياڭ خۇچېڭ بىلەن جاڭ شۆلياڭ كۆپ قېتىم جياڭ جيېشىغا نەسىھەت قىلىپ، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپونغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار12 - ئاينىڭ12 - كۈنى كەسكىن ھالدا شىئەن ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، جياڭ جيېشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى «ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، بىرلىكتە ياپونغا قارشى تۇرۇش» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىغان. شىئەن ئۆزگىرىشىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشى جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، جياڭ جيېشى ياڭ خۇچېڭغا چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارمىيىدىن ئايرىلىپ «چەت ئەلگە تەكشۈرۈش» كە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ چەت ئەلدە تۇرۇپ نەچچە قېتىم جياڭ جيېشىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش، ئادەتتىكى بىر ئەسكەر بولۇپ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.1937 - يىلى11 - ئايدا، ئۇ فرانسىيىدىن قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان. لېكىن، ئۇ نەنچاڭغا يېتىپ كېلىشى بىلەنلا جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ئۇزاق مۇددەت نەزەربەندكە ئېلىنغان.1949 - يىلى9 - ئايدا، جياڭ جيېشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلىرى ياڭ خۇچېڭنى چۇڭچىڭنىڭ سۇڭ لىنپۇ دېگەن يېرىدىكى «دەيگۇڭسى» ئىچىدە خەنجەر بىلەن قەتل قىلغان. ياڭ خۇچىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇشقا چوڭ تۆھپە قوشقان. جۇ ئېنلەي جاڭ شۆلياڭ بىلەن ياڭ خۇچېڭغا «تۆھپىكار ئەزىمەت» دەپ باھا بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
ياڭ خۇچېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki