UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىجاڭ بىڭگۇي

جاڭ بىڭگۇي

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى جاڭ بىڭگۇي (1919 −1987 - يىللار) ئېلىمىزنىڭ سودا - سانائەت سېپىدىكى نەمۇنىچى. ئۇ بىر ئۆمۈر پوكەي ئالدىدا تۇرۇپ، نەچچە مىليون خېرىدارنى كۈتۈۋالغان، خۇددى يالقۇنجاپ تۇرغان چوغقا ئوخشاش سانسىزلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان. بەزىلەر جاڭ بىڭگۇينىڭ خىزمىتىنى «ھۇزۇرلۇق كەسىپ» دېيىشكەن، بىراق ئۇنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئۆمرى جاپالىق ھەم ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇ1919 - يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، كىچىكىدە باشقىلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، كۈنىگە ئاران بىر - ئىككى تەڭگە پۇل تاپقان.17 يېشىدا بىر دۇكانغا كىرىپ شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن، بېيجىڭ ئازاد بولغاندىلا، ئاندىن قەددىنى كۆتۈرەلىگەن.1955 - يىلى، ئۇ بېيجىڭدىكى ۋاڭفۇجىن تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ پېچىنە - پىرەنىك گۇرۇپپىسىدا پرىكازچىك بولغان، كېيىن قەنت - گېزەك گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ مال سېتىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نەرسە - كېرەكنى قولىغا ئېلىشتا «بىر سىقىمداپلا توغرا ئېلىش»، باھاسىنى ھېسابلاشتا «بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئوچۇق ئېيتالايدىغان» بولۇشتەك قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سانسىز قېتىم جاپالىق مەشىق قىلغان. گەرچە يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ھەر كۈنى ئەنە شۇنداق قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ماھارەت ئىگىلەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرگەن. جاڭ بىڭگۇي نەچچە ئون يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، خېرىدارلارغا ئاكتىپ، قىزغىن، سەۋرچان، ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلغان. ئۇنىڭ پوكىيى ھەمىشە نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش ياكى مەخسۇس ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ئۇ مەيدىسىگە «461» نومۇرى چۈشۈرۈلگەن، ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن ھالدا چىرايىغا ھەمىشە كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇراتتى، پۇت - قولىنى ناھايىتى چاققان قىلىپ، قەنت - گېزەك سېتىۋالغانلارغا ئۆزگىچە خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. نەچچە ئون يىل داۋامىدا جاڭ بىڭگۇي «ئوتتەك قىزغىن روھى» ئارقىلىق سانسىز كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە سازاۋەر بولغان، نۇرغۇن قېتىم شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.1959 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى،1978 - يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى،1979 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1987 - يىلى9 - ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، جەسەت كۈلى باباۋشەندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
جاڭ بىڭگۇي | UyghurWiki | UyghurWiki