سۇڭ جياۋرېن
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
شاڭخەيدىكى جيابېي باغچىسىنىڭ ياپيېشىل چىمەنزارلىقىدا يېقىنقى زاماندىكى بىر دېموكراتىك ئىنقىلابچى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتماقتا. ئۇ جۇڭگونىڭ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان سۇڭ جياۋرېن.
سۇڭ جياۋرېن (1882 −1913 - يىللار) خۇنەن تاۋ يۈەنلىك.1903 - يىلى ئۇ ۋۇچاڭغا ئوقۇشقا بېرىپ، شۇ يەردە ئىنقىلابچى خۇاڭ شىڭ بىلەن تونۇشقان ھەمدە خۇاڭ شىڭ، چېن تيەنخۇا قاتارلىقلار بىلەن خۇنەن، خۇبېي رايونىدا تۇنجى ئىنقىلابىي تەشكىلات − خۇاشىڭخۇينى قۇرۇپ، چىڭ خانىدانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان. بۇ ئىش پاش بولۇپ قالغانلىقتىن، قوزغىلاڭ باشلانماي تۇرۇپلا باستۇرۇلۇپ، ياپونىيىگە قېچىپ بارغان.
ياپونىيىدە تۇرغان مەزگىلدە، سۇڭ جياۋرېن بىر تەرەپتىن، غەربنىڭ پارلامېنت سىياسىي تۈزۈمىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنىڭ بۈيۈك پىلانىنى تۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ «20 - ئەسىردىكى جۇڭگو» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، خۇاڭدى يىلىنى ئاشكارا ئىشلىتىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ سەلتەنەت نامىنى بىكار قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى بىلەن ئادا - جۇدا بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.1905 - يىلى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى (تۇڭمىڭخۇي)گە قاتنىشىپ، «خەلق گېزىتى» نى چىقىرىش ۋەزىپىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش نازارەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.1907 - يىلى ئۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا كېلىپ ئىنقىلاب قوزغاشنى پىلانلاپ، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي لياۋنىڭدىكى تارمىقىنى قۇرغان.1911 - يىلى ئۇ تەن رېنفېڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، چاڭجياڭ ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاپ، چاڭجياڭ ۋادىسى ئىنقىلابىي ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.1912
- يىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ نەنجىڭدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، سۇڭ جياۋرېن قانۇن - تۈزۈم ئىدارىسىنىڭ لىدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، سۇن جۇڭشەنگە ھەمكارلىشىپ، بىر يۈرۈش ئەمر - پەرمانلارنى تۈزۈپ چىققان. ئۇزاق ئۆتمەيلا، يۈەن شىكەي شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسىنى تارتىۋالغاندا، ئۇ دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. يۈەن شىكەي مۇستەبىت تۈزۈمنى يۈرگۈزگەنلىكتىن، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، سۇڭ جياۋرېن جاۋابكار كابىنېت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىپ، پارلامېنت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يۈەن شىكەينى تىزگىنلەپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرماقچى بولغان.8 - ئايدا، ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنى گومىنداڭغا ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىپ، مۇۋەققەت كېڭەش باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەممە جايدا نۇتۇق سۆزلەپ، دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيىتىنى تەشۋىق قىلغان.1913 - يىلىنىڭ بېشىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا، گومىنداڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. ئۇ سىياسىي پارتىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسىلىك سالاھىيىتى بىلەن دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ساناقلىقلا كۈن قالدى دەپ قاراپ، يۈەن شىكەيدىن چوڭقۇر نەپرەتلەنگەن. يۈەن شىكەي دەسلەپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل - مال پارا بېرىپ، ئۆز تەشەببۇسلىرىدىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلغان، رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سالغان.3 - ئاينىڭ20 - كۈنى كەچتە، سۇڭ جياۋرېن شاڭخەي پويىز ئىستانسىسىدا سۇيىقەستكە ئۇچراپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەن.