UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىرېن بىشى

رېن بىشى

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى رېن بىشى (1904 −1950 - يىللار) خۇنەننىڭ شياڭيىن دېگەن يېرىدىن.1921 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا شەرق ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە شۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1924 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.1927 - يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.1927 - يىلىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن خۇنەنگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، خۇنەن ئۆلكىسى تۈزگەن2 - قېتىملىق چاڭشا قوزغىلىڭى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت تەۋەككۈلچىلىك پىلانىنى كەسكىن تۈزىتىپ، ئىنقىلابنى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلاپ قالغان.1929 - يىلى ج ك پ خۇبېي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.1931 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1934 - يىلى7 - ئايدا، رېن بىشى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ6 - جۈنتۇەنى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسىملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، گۇيجۇنىڭ شەرقىي شىمالىدا دۈشمەن قورشاۋىدا قالغان. نۇرغۇن جەڭچى ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلكى تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا قىيادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغان. رېن بىشى ئېغىر كېسەلگە بەرداشلىق بېرىپ ھاسىسىغا تايانغىنىچە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتكەن. كېيىن، قىزىل ئارمىيىنىڭ6 - جۈنتۇەنى خې لۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ2 - جۈنتۇەنى بىلەن ئۇچرىشىپ، قىزىل ئارمىيە2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللەنگەن، رېن بىشى سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلىنىپ، خۇنەن - خۇبېي - گۇيجۇ ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان.1936 - يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى گەنزى دېگەن يەردە جاڭ گوتاۋ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ4 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، رېن بىشى جاڭ گوتاۋنىڭ پارتىيىنى، ئارمىيىنى بۆلۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇشتەك خاتا قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە4 - يۆنىلىش ئارمىيىسىدىكى كادىرلارغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ،4 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ داۋاملىق شىمالغا يۈرۈش قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئاخىر قىزىل ئارمىيىنىڭ1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن قوشۇلۇش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، رېن بىشى8 - ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، شىمالىي جۇڭگو ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان.8 - ئارمىيىنىڭ باش شتابىدا، ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ جاپالىق ئىشلەۋەرگەچكە، ئاخىر قان قۇسۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالغان.1943 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، رېن بىشى ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك7 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلغان، لياۋشېن، پىڭجىن، خۇەيخەيدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە قاتناشقان ھەمدە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش، تەمىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. يولداشلار ئۇنى دەم ئېلىشقا ئۈندىگەندە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىمۇ ئۇنىڭ داۋالانغاچ دەم ئېلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ: بىز ھەممىمىز كومپارتىيە ئەزالىرى، زىممىمىزدە ئىنقىلابنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى بار؛100 قەدەم بەرداشلىق بەرگىلى بولسىلا، بىر قەدەمنىمۇ ئاز ماڭماسلىقىمىز كېرەك، دەپ دەم ئېلىشنى رەت قىلغان.1950 - يىلى10 - ئايدا، رېن بىشى بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. مارشال يې جيەنيىڭ رېن بىشىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ: ئۇ پارتىيىمىزنىڭ تۆگىسى ئىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۆگىسى ئىدى، دېگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
رېن بىشى | UyghurWiki | UyghurWiki