UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىجىن شۇرېن

جىن شۇرېن

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى جىن شۇرېن (1941 - 1879)، تەخەللۇسى دى ئەن، گەنسۇ خېجۇ يۈنجىڭلىق. جىن شۇرېن بىلەن ياڭ زېڭشىن كونا تۇنۇش، ياڭ زېڭشىن خېجۇدا ئەمەلدار بولۇپ مەكتەپ باشقۇرغان مەزگىلدىن باشلاپ بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، جۈملىدىن ياڭ زېڭشىن خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى مەكتەپنىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە ئۆسكەندە، جىن شۇرېننى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۆستۈرگەن. جىن شۇرېن 1909 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى شەنتۇڭ 1 - يىلى) يەرلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئەلە نەتىجىگە ئېرىشكەن. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن (1913 - يىلى) داۋخى ناھىيىسىدىكى يۇقىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر ۋە پىداگوگىكا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان. 1914 - يىلى ياڭ زېڭشىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ھەربى ئىشلار نازارىتىنىڭ كاتىپى ھەم بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ، ياڭ زېڭشىن ئۈچۈن مەخسۇس ھەبىي ئاخبارات توپلىغۇچى بولغان. 1915 - يىلى شىنجاڭدىكى ھاكىملار ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ياڭ زېڭشىننىڭ ئېتىبار بېرىشى نەتىجىسىدە ئېمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ ئاقسۇنىڭ ھاكىمى بولغان. 1921 - يىلى ئۆلكە مەركىزى (دىخۇا) گە يۆتكىلىپ كېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1928 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ھۆكۈمەت ئىشلار نازارىتى خەلق ئىشلار نازارىتىگە ئۆزگەرتىلگەندە، جىن شۇرېن خەلق ئىشلار نازارىتىگە نازىر بولغان. 1928 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، جىن شۇرېن ئەسكىرى كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ فەن ياۋنەننى ئۆلتۈرۈپ، قارشى تەرەپنى باستۇردى. ئەتىسى (8 - چىسلا) جىن شۇرېن ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى يىغىنىنى چاقىرىپ كېيىنكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا، دىخۇا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىڭ جېشەننىڭ تەۋسيە قىلىشى بىلەن ئۆلكە باشلىقى بولدى. 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جىن شۇرېن ئۆلكىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى نەنجىن ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلدى. 1928 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆلكىدىكى ھەر قايسى ئەمەلدارلار ۋە ئۆلكىلىك پارلامېنت باشلىقى روزى ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ھەر مىللەت - ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ پىكرى قىلىپ، جىن شۇرېننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ تەستىقلاپ بېرىش ئۈچۈن نەنجىن ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويدى، لېكىن نەنجىن ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپكە جاۋاب بەرمىدى. 1932 - يىلى كۈزدە نەنجىن ھۆكۈمىتى جىن شۇرېننى شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى ۋە قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈردى. 1933 - يىلى 3 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 100 دانە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن سوۋېت ھۆكۈمىتىگە 1274 سەر ئالتە يېرىم مىسقال ئالتۇن تاپشۇردى. 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يۈز بەرگەن «12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دە جىن شۇرېن سىياسىي سەھنىدىن قوغلاندى. 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جىن شۇرېن دىخۇادىن سانجى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى بانكىنىڭ زاپاس ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ چېگرىدىن ئۆتۈپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان 1274 سەر ئالتە يېرىم مىسقال ئالتۇننى قايتۇرۇۋېلىپ، سېبىرىيە ئارقىلىق تيەنجىنگە بېرىۋالدى ۋە شۇ يىلى 10 - ئايدا جاڭ جېيىشىنىڭ يېنىغا باردى. 1935 - يىلى 5 - ئايدا جىياڭنىڭ يەرلىك مەھكىمىسى جىن شۇرېننى سوتلاپ، ئۇنىڭغا جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ۋە بەش يىللىق سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى بەردى. لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غەربى شىمالدىكى ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلاردىن، بولۇپمۇ دىڭ باۋشەن، لوداچاڭ، ماگوفاڭ، ماخۇيىڭ قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ جىن شۇرېننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇ 1935 - يىلى 10 - ئۆكتەبىر بايرىمىدا جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىندى دېگەن نام بىلەن قويۇپ بېرىلدى. ئاندىن جىن شۇرېن لەنجۇغا قايتىپ كېلىپ 1941 - يىلى 8 - ئايدا كېسەل بىلەن 62 يېشىدا ئۆلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى