ۋۇ جۇڭشىن
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
ۋۇ جۇڭشىن (1959 - 1884)، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفىي ناھىيىسىدىن بولۇپ، ياپونىيىدە ئوقۇغان. توڭمىڭخۇيغا قاتناشقان. 1911 - يىلى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى نەنجىندە ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولغان چاغدا، مەركىزىي ساقچىلار مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جياڭ جېيشى بىلەن كۆپ يىل بىللە ئىشلىگەن بولۇپ، ۋۇ جۇڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى، مۇڭغۇل - شىزاڭ ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولغان.
1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا، جياڭ جېيشى ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. ئۇ شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرىدا چۇڭچىڭدىن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. 1946 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتتىن ئايرىلىپ شىنجاڭدىن كەتتى. دېمەك ئۇ شىنجاڭغا 18 ئايدەك ھۆكۈمرانلىق قىلدى.