UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىشېڭ شىسەي

شېڭ شىسەي

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى شېڭ شىسەي (1961 - 1896)، تەخەللۇسى جىڭ يۇڭ، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيىسىنىڭ شىنجىيا كەنتىدىكى چوڭ پومېشچىك شېڭ جىڭجىيا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شېڭ جىڭجىيانىڭ يەتتە بالىسى بولۇپ بەشى ئوغۇل، ئىككىسى قىز ئىدى. شېڭ شىسەي ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. شېڭ شىسەي مەكتەپ يېشىدىن (7 ياشتىن) باشلاپ «چاھار كىتاب» نى ئۆگەنگەن. 12 يېشىدا «ئۈچ سۆزلۈك دەستۇر» نى ئوقۇپ بولغان. شېڭ شىسەي ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شاڭخەيگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1915 - يىلى ۋۇ شىڭ جۇڭگو سىياسىي ئىقتىساد كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ھەم يۈننەندىكى جىڭ ۋۇتاڭ، شاۋجۇ شۆبىسىنىڭ ئىككىنچى قارار پىيادە ئەسكەرلەر كۇرسىدا ئوقۇغان. كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي «شەرقىي شىمال يەرلىك ھۆكۈمىتى» تەرىپىدىن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتىدىكى جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى ئەترىتىنىڭ تۆتىنچى قارارلىق كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. شېڭ شىسەينىڭ ياپونىيىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتى شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشىغا توغرا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە باش سىلىڭبۇسى ئۇنى شاڭشاۋ مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلىگەن. خىزمەت جەريانىدا باش مەسلىھەتچى جۇپىيلى ئۇنى شياۋجاڭلىققا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن شېڭ شىسەينىڭ قارانىيىتى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن ئۆستۈرۈلمىگەن. شېڭ شىسەي بۇنىڭغا ئاداۋەت ساقلاپ، ھەربىيلىكتىن ۋاز كېچىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان. 1929 - يىلى 6 - ئايدا شېڭ شىسەي نەنجىندىن ئايرىلىپ، 1930 - يىلى 10 - ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. جىن شۇرېن ئۇنى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ شاڭشياۋ مەسلىھەتچى مۇدىرلىقىغا بەلگىلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي شياۋجاڭ مەسلىھەتچىلىكىگە ئۆستۈرىدۇ. 1933 - يىلى يۈز بەرگەن «12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دە جىن شۇرېن تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئېچىلغان يىغىندا چېگرا قوغداش دۇبەن مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليوۋىنلۇڭنى ئۆلكىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسلكىگە، شەرقىي شىمال ئارمىيىسنىڭ بىر كادىرى چىڭ يۈەنجىڭنى ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭلىقىغا كۆرسىتىدۇ. شې شىسەي ھەربىي ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ چىڭ يۈەنجىڭنى ئىستىپا بېرىشكە زورلاپ، شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. قارشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرىدۇ. شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن ئالتە بۈيۈك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىر مەزگىل ماركسىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئاخىر ياۋۇز ئەپتى - بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ كوممونىزىمغا ئاسىيلىق قىلدى. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرمىللەت كوممونىزىمچى ئىلغار كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى. ھەر مىللەت خەلقىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈردى. 1940 - يىلى شېڭ شىسەي ئۆلكە رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەندىن باشلاپ، ھوقۇق ئۇنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى. 1942 - يىلىدىن باشلاپ ئۇ، ئوچۇق - ئاشكارە ھالدا گېزىت - مەتبۇئاتلاردا كوممۇنىزىمدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەم گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. 1944 - يىلى كۈزدە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇنى مەركىزىي ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىقىغا بەلگىلەپ يۆتكەپ ئېلىپ كەتتى. شېڭ شىسەي كېتىش ۋاقتىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇنلارنى بۇلاپ، 30 ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ئېلىپ ماڭدى. 100 مىڭ بىگۇناھ خەلقىنىڭ قېنىغا زامىن بولغان شېڭ شىسەي كېتىش ئالدىدا ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىسىگە ئوت قويۇپ بارلىق مەھبۇسلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرمەكچى ۋە ئارخىپلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. لېكىن شۇ ئوتتا ئۆزىنىڭ كۆيىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن قۇيرۇقىنى خادا قىلدى. 1949 - يىلى ئۇ ئائىلىسى بىلەن تەيۋەنگە قېچىپ كەتتى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە شياڭجياڭ مەسلىھەتچى، مەمۇرىي مەھكىمە لايىھىلەش كومىتېتىنىڭ (چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىش تەشكىلاتى) ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. شېڭ شىسەي 1970 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 75 يېشىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ تەيبېيدا ئۆلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
شېڭ شىسەي | UyghurWiki | UyghurWiki