UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىيۈەن داخۇا

يۈەن داخۇا

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى يۈەن داخۇانىڭ تەخەللۇسى شىڭتەن، ئەنخۇينىڭ ( ھازىرقى مىڭچىڭ) دېگەن يېرىدىن. 1911 - يىلى (چىڭ سۇلالىسى شۇەنتۇڭ 3 - يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋىچىسى يۈەن داخۇنى شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىلىقىغا تەيىنلەندى. شۇ يىلى 6 - ئايدا، يۈەن داخۇا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىدىن تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئۆلكىدىن كەلگەن يۈەن داخۇا قوشۇنىغا قارشى توسۇپ زەربە بەردى. شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان يۈەن داخۇا، جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مەنسەپكە ئولتۇرماي ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ھېمايىسىدە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە قېچىپ بېرىۋالدى. 1912 - يىلى 3 - ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن نام بىلەن ئىچكىرىگە قايتتى. 1917 - يىلى جاڭ شۇن پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە يۈەن داخۇا ئىچكى كابىنېت ۋەزىرى بولدى. پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بېيجىڭغا قېچىپ بېرىۋالدى. كېيىن تيەنجىندە كېسەل بىلەن ئۆلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى