UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىيې تىڭ

يې تىڭ

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە4 - جۈنىنىڭ مۇستەقىل پولكى ھەر قېتىملىق جەڭدە نۇسرەت قۇچۇپ، بىرەر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىغاچقا، «پولات قوشۇن» دەپ تەرىپلەنگەن، ئەكسىيەتچىل مىلىتارىستلار بۇ پولكنىڭ نامىنى ئاڭلىسىلا قورقىدىغان بولۇپ قالغان. يې تىڭ دەل مۇشۇ مۇستەقىل پولكنىڭ كوماندىرى ئىدى. يې تىڭ (1896 −1946 - يىللار) گۇاڭدۇڭنىڭ خۇيياڭ دېگەن يېرىدىن. كىچىكىدە ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، يۆ فېي، ۋېن تيەنشياڭ قاتارلىق مىللىي قەھرىمانلار تەسۋىرلەنگەن كىتابلارنى قىزىقىپ ئوقۇغان.1916 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا باۋدىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىنقىلابقا ئاتلىنىپ، سۇن جۇڭشەننى قوغداش پولكىنىڭ باتاليون كوماندىرى بولغان ھەمدە گومىنداڭغا ئەزا بولغان.1922 - يىلى6 - ئايدا، چېن تۇڭمىڭ ئاسىيلىق قىلىپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا، يې تىڭ قاراۋۇللار باتاليونىنى باشلاپ ئاسىي قوشۇنغا باتۇرلارچە زەربە بېرىپ، سۇن جۇڭشەن بىلەن سۇڭ چىڭلىڭنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان.1924 - يىلى كۈزدە، سۇن جۇڭشەننىڭ قوللىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى مەكتىپىدە ئوقۇغان. شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1925 - يىلى ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە4 - جۈن مۇستەقىل پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ مۇستەقىل پولكى بۇيرۇققا بىنائەن ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسىم بولغان. مۇستەقىل پولك ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. خۇبېينىڭ تىڭسىچياۋ، خېشېڭچياۋ دېگەن يەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق جەڭدە، ئەكسىيەتچىل مىلىتارىست ۋۇ پېيفۇنىڭ ئاساسىي كۈچىنى بىرلا ھۇجۇم بىلەن تىرىپىرەن قىلىۋەتكەن. ۋۇچاڭ ئۇرۇشىدىمۇ ئەڭ باشتا قوشۇنىنى باشلاپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇ كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەنە شۇنداق زور خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن،4 - ئارمىيە «پولات قوشۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، ئۆزىمۇ «شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىكى مەشھۇر گېنېرال» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.1926 - يىلى، ئۇ11 - ئارمىيە24 - شىنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.1927 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يې تىڭ «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، ئالدىنقى سەپنىڭ باش قوماندانى، قوشۇمچە11 - جۈننىڭ جۈنجاڭى بولغان، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ شياڭگاڭغا يۆتكەلگەن، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە گۇاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كوماندىرى ۋە باش قوماندانى بولغان. گۇاڭجۇ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يې تىڭ چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.1931 - يىلى «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاۋمېنغا قايتىپ كەلگەن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مۇھىم ھەربىي ئەمەل بېرىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاخىر ئالاقىلەشكەن.1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، يې تىڭ يېڭى4 - ئارمىيىنىڭ جۈنجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ ئوتتۇرا جۇڭگودىكى دۈشمەن ئارقا سېپىدە ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئوتتۇرا جۇڭگو ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان.1941 - يىلى1 - ئايدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى نۇرغۇن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ4 - ئارمىيىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگو - چەت ئەللەرنى چۆچۈتكەن ۋەننەن ۋەقەسىنى پەيدا قىلغاندا، يې تىڭ قىسىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى بارغان. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. ئۇ بەش يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتىدا ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغان، دۈشمەننىڭ چوڭ ئەمەل، يۇقىرى تەمىنات بېرىش توغرىسىدىكى چىرايلىق ۋەدىلىرى ئالدىدا تەۋرىنىپ قالمىغان، قىيىن - قىستاقلىرى ئالدىدا قورقۇپ قالمىغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈرەشلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زاتلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى1946 - يىلى3 - ئايدا يې تىڭنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. يې تىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، گومىنداڭ دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ھەربىي فورما ئەكېلىپ بەرگەندە، ئۇ: «بۇ ماڭا كېرەك ئەمەس، ئۇچامدىكى فورمىنى يېڭى4 - ئارمىيىدىن تارقىتىپ بەرگەن، مەن مۇشۇ فورمىنى كىيىپ قايتىپ كېتىمەن» دەپ فورما ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلغان. ئەتىسى، ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قايتىدىن كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان، ئۇنىڭ ئىلتىماسى تېزلا تەستىقلانغان.4 - ئاينىڭ8 - كۈنى، ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭدىن يەنئەنگە قايتىپ كېتىۋېتىپ، سەنشى ئۆلكىسى شىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ خېيچاشەن دېگەن يېرىگە كەلگەندە، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى