جى خۇڭچاڭ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1934 - يىل11 - ئاينىڭ24 - كۈنى، تەمبەل بىر «مەھبۇس» بىر ئەترەت گومىنداڭ ئەسكىرىنىڭ يالىشى بىلەن جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئۇ دەرەخ شېخى بىلەن يەرگە: «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرماي ئۆلۈپ كەتسەم، كېيىنكىلەر ئالدىدا ئاھانەتكە قالىمەن. دۆلەت خارابلىشىپ مۇشۇ ھالەتكە يەتتى، مەن قانداقمۇ باش كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟!» دەپ يازىدۇ. ئۇ دەل سابىق خېبېي، سۈييۈەن خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى جى خۇڭچاڭ ئىدى.
جى خۇڭچاڭ (1895 −1934 - يىللار) خېنەن ئۆلكىسىنىڭ فۇگۇ دېگەن يېرىدىن.19 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، جەڭگاھ ھاياتىنى باشلىغان. غەربىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ دىۋىزىيە كوماندىرى، گومىنداڭ ئارمىيىسى21 - كورپۇسنىڭ كوماندىرى ۋە22 - جۈننىڭ باش قوماندانى بولغان.1930 - يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قىسمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ياردىمى ۋە تەسىرى ئاستىدا، ئۇ قىزىل ئارمىيىنى «قورشاپ يوقىتىش» تىن ۋە ئىچكى ئۇرۇشتىن قاتتىق بىزار بولۇپ، ئارقىغا سۈرۈش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.1931 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، جياڭ جيېشى سېزىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى بىكار قىلغان ھەمدە ئۇنى «چەت ئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈش» كە مەجبۇر قىلغان. ئۇ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۇ غەزەپلىنىپ چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىغان كىيىم - كېچەكلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ياپونغا قارشى جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن جياڭ جيېشى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
جى خۇڭچاڭ ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ياپونغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.1932 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1933 - يىلى ئەتىيازدا ياپونىيە ئارمىيىسى چاخارغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇ تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ ئالاقە باغلاپ، خېبېي، چاخار ئاممىسىنىڭ ياپونغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئائىلىسىدىن60 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ، قورال - ياراغ سېتىۋېلىپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەن.6 - ئايدا، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى فېڭ يۈشياڭ ئۇنى2 - كورپۇسنىڭ قوماندانلىقىغا، قوشۇمچە دۈشمەنگە قارشى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇ ئارمىيىنى باشلاپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن كاڭباۋ، باۋچاڭ ۋە گۇيۈەننى ئىگىلىگەن.7 - ئايدا، ئۇ يەنە قوشۇننى باشلاپ مۇھىم جاي − دولۇنغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ پىدائىيلار ئەترىتىنى باشلاپ ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە ئادەم كىرگۈزۈپ، ئىچى - تېشىدىن ماسلىشىپ بىر ھۇجۇم بىلەن دولۇننى ئىگىلەپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى چاخاردىن قوغلاپ چىقارغان. كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيىسى، ياپونىيە ئارمىيىسى ۋە قورچاق ئارمىيىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، باش قوماندان فېڭ يۈشياڭ نائىلاج ئىستېپا بەرگەن. ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ كۆپ سانلىقىنى گومىنداڭ ئارمىيىسى قوشۇۋالغان، لېكىن جى خۇڭچاڭ ياپونغا قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە ئۇنىماي، قوشۇننى باشلاپ شۈنيى ناھىيىسىدە جەڭ قىلغان. ئۇ يەردە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچراپ، زور چىقىم تارتقان. ئۇ ياپونغا قارشى كۈچلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، قولغا ئېلىنغان. ئۇ بېيپىڭ (بۈگۈنكى بېيجىڭ)غا يالاپ كېلىنىش سەپىرىدە يەنە خېيىمخەتەردىن پەم - پاراسەت بىلەن قۇتۇلۇپ، بېيپىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا ياپونغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. «جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى بۈيۈك ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا ھەمدە «جەڭ مارشى» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا قاتنىشىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلغان.1934
- يىلى11 - ئايدا، جى خۇڭچاڭ تيەنجىندىكى گومېن مېھمانسارىيىدا قولغا ئېلىنىپ، بېيجىڭغا ئاپىرىلىپ نەزەربەند قىلىنغان.11 - ئاينىڭ24 - كۈنى، ئۇ جازا مەيدانىدا قۇربان بولۇش ئالدىدىكى شېئىرىنى يازغاندىن كېيىن، «مەن ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغان بولدۇم، ئارقامدىن ئوق يەپ ئۆلسەممۇ يىقىلمايمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ، جاللاتلارنىڭ مىلتىقى ئالدىدا «ياپونغا قارشى ئۇرۇش ياشىسۇن!» دەپ ئۈنلۈك توۋلاپ مەردلەرچە قۇربان بولغان.