UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىئوۋ ياڭخەي

ئوۋ ياڭخەي

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى 1963 - يىل11 - ئاينىڭ18 - كۈنى، ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم خېڭشەن تېغى ئېتىكىدە،500 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان، ۋۇخەنگە كېتىۋاتقان282 - قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئەگمە، جىلغا، قىيالاردىن ئۆتۈپ، ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. شوپۇر ئالدى تەرەپتىن ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن ئوق - دورا ئارتىلغان ئۇلاغلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال سىگنال بەردى. ئۇشتۇمتۇت، ئوق - دورا ئارتىلغان بىر ئات قاتتىق ئۈركۈپ كېتىپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىۋالدى. ئېغىر خېيىمخەتەر يۈز بېرىش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان ئىنتايىن خەتەرلىك پەيتتە بىر جەڭچى ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، بار كۈچى بىلەن ئاتنى قارشى تەرەپكە ئىتتىرىۋەتتى... پويىز تىنچ - ئامان ئۆتۈپ كېتىپ، يولۇچىلار ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېلىقى ياش جەڭچىنىڭ ياش ھاياتى بەدىلىگە كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، »ئوۋ ياڭخەي« دېگەن بۇ قەھرىماننىڭ نامى كىشىلەر قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى. ئوۋ ياڭخەي (1940 −1963 - يىللار) خۇنەن ئۆلكىسى گۇيياڭ ناھىيىسىنىڭ لاۋياۋو دېگەن يېرىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ گومىنداڭ تەرىپىدىن ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كېتىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «ئۇياڭ يۈرۇڭ» دەپ ئىسىم قويۇپ، تاكى ئازادلىق ئارمىيە ئۇلارنىڭ يۇرتىغا كەلگۈچە، ئۇنى قىز بالىدەك ياساندۇرۇپ چوڭ قىلغان. كوممۇنىستىك پارتىيە نامراتلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەندە، لاۋياۋۇ كەنتىنىڭ قىياپىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان، ئوۋ ياڭخەي ھەرۋاقىت ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ تۇپرىقىنى قوغداشنى ئارزۇ قىلاتتى.1958 - يىلى، ئوۋ ياڭخەي بوي - بەستىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئۇ ئارمىيىگە كىرگەندىن كېيىن بىر ياخشى ئەسكەر بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن، جان پىدالىق بىلەن ماھارەت مەشىق قىلغان. بويىنىڭ جىۋەكلىكىدىن گراناتنى ئانچە يىراققا ئاتالمىغاچقا، كېچە - كۈندۈز مەشىق قىلىمەن دەپ قوللىرى ئىششىپ كەتكەن، تاماق قاچىسىنى قولىدا تۇتالماي، تاماقنى بىلىكىگە تايىنىپ يېيىشكە مەجبۇر بولغان. ئەنە شۇنداق جاپالىق مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە، ئاخىر ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇ ھەممە ئىشتا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ھەر يىلى خىزمەت كۆرسىتىپ، قىسىم بويىچە داڭلىق ئۈلگىلىك ئەسكەرگە ئايلانغان. ئۆزىگە ھەرۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، خەلققە پايدىلىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان. مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا، كىتاب - لۇغەتلەرنى دوست تۇتۇپ، ئىنقىلابنىڭ نۇرغۇن قائىدىلىرىنى چۈشىنىپ يەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلققە كۆپلەپ ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئوتقا دېسە ئوتقا، سۇغا دېسە سۇغا سەكرەشتىن يانمىغان، كىشىلەر ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتقىنىدا، ئۇ تارتىنغان ھالدا: «مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلمىسام، بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمەن» دېگەن. ئۇ ئادەتتىكى چاغلاردا خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئەنە شۇنداق يۈكسەك مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، بىرەر خېيىمخەتەرگە ئۇچرىغاندا، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويماي، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان. ئوۋ ياڭخەي ھايات ۋاقتىدا، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان. قۇربان بولغاندىن كېيىن، قىسىم ئۇنىڭغا: «خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى» دەپ نام بەرگەن.1967 - يىلى1 - ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇ ئىلگىرى تۇرغان بەنگە «ئوۋ ياڭخەي بەنى» دەپ نام بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى