جاڭ جىجۇڭ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
جاڭ جىجۇڭ (1969 - 1890)، يەنە بىر ئىسمى ۋىن بەي، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ زىشەن ناھىيىسىدىن. گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنرالى، دىپلومات. سىياسىئون. ئۇ 1945 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋەقەسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قامالغان كوممونىستلارنى قۇتۇلدۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. 1946 - يىلى شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ئۆلكە رەئىسى بولدى.
1949 - يىلى 9 - ئايدا، بېيجىڭدىن گېنېرال تاۋسىيۆ ۋە رەئىس بۇرھان شەھىدىلەرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئازادلىقتىن كېين جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۇەنجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.