شيې جىنيۈەن
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1937 - يىلى ياپونىيە ئارمىيىسى شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلغان «13 - ئاۋغۇست» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشى − جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاتاقلىق گېنېرالى شيې جىنيۈەن.
شيې جىنيۈەن (1905 −1941 - يىللار)، گۇاڭدۇڭنىڭ جياۋلىڭ دېگەن يېرىدىن. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ4 - قارارلىق ئوقۇغۇچىسى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1937 - يىل8 - ئاينىڭ13 - كۈنى، ياپونىيە ئارمىيىسى شاڭخەي خۇاڭچياۋ ئايرودرومىنى ساقلاۋاتقان قوشۇن ئىككى ياپونىيە ئەسكىرىنى ئېتىۋەتتى دېگەن باھانە بىلەن شاڭخەيگە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسى باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شيې جىنيۈەن88 - دىۋىزىيىنىڭ524 - پولكىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جيابىي شىمالىي ۋوگزالىنى ئىككى ئاي قاتتىق ساقلايدۇ.10 - ئاينىڭ26 - كۈنى بۇيرۇققا بىنائەن چېكىنىدۇ، شيې جىنيۈەن524 - پولكنىڭ بىر باتاليونىنى باشلاپ، شىزاڭ يولىدىكى سىشىڭ ئىسكىلاتىنى ساقلايدۇ. ياپونىيە ئارمىيىسى كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر چىقىم تارتىپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، قورشاۋغا ئېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ. ئىسكىلاتنىڭ قارشى تەرىپىدە سۇجۇ دەرياسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان ئەنگلىيە كونسېسسىيىسى بولۇپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى شيې جىنيۈەننىڭ يەككە - يېگانە جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قورالنى تاشلاپ، كونسېسسىيىگە كىرىپ پاناھلىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. شيې جىنيۈەن ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلسىمۇ چېكىنمەيدىغان» لىقىنى بىلدۈرىدۇ. شاڭخەي خەلقى بۇ باتۇر ئارمىيىنىڭ يۈكسەك مىللىي غۇرۇرىدىن تەسىرلىنىپ، سۇجۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا كېچە - كۈندۈز توپلىشىپ، باش كىيىملىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. شيې جىنيۈەننىڭ پولكى جەڭ قىلغانسېرى قەيسەرلىشىدۇ. ئۇ يەنە قولىغا قورال ئېلىپ، ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئەسكەرلىرىگە زەربە بېرىدۇ. ئۇ بىر دۈشمەننى ئېتىپ تاشلىسا، ئامما بىر مەھەل تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار تۆت كېچە - كۈندۈز چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ100 نەچچە ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن دۈشمەننى يارىدار قىلىدۇ، ئۆزىدىن ئاران ئون نەچچە ئادەم قۇربان بولىدۇ.
سىشېڭ ئىسكىلاتىدىكى جەڭ خەلقنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ، لېكىن كونسېسسىيە دائىرىلىرى جەڭنىڭ كونسېسسىيە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن قورقۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە شيې جىنيۈەننى چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈش توغرىسىدا تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. شيې جىنيۈەننىڭ پولكى كونسېسسىيىگە چېكىنگەندىن كېيىن قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، نەزەربەند قىلىنىدۇ ۋە «تەنھا ھەربىي لاگېر» دەپ ئاتىلىدۇ. شيې جىنيۈەن بۇ قىسمەت ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي، قول ئاستىدىكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ مەشىق قىلدۇرىدۇ ۋە دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. كونسېسسىيە دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ھەدەپ توسقۇنلۇق قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشقىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ، شيې جىنيۈەن «سانائەتنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جاھانگىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئادەملەرنىڭ پىچاققا يەم بولغانلىقى، جۇڭگولۇقلارنىڭ گۆشكە ئايلىنىپ قالغانلىقى» نى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىدۇ.1941
- يىل4 - ئاينىڭ24 - كۈنى، ياپون ئالۋاستىلىرى «تەنھا ھەربىي لاگېر» دىكى خائىنلارنى سېتىۋېلىپ، شيې جىنيۈەننى قەتل قىلىدۇ. شيې جىنيۈەن يەتتە يېرىگە پىچاق يەيدۇ، ئۇ دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولغان ۋاقىتتا ئاران37 ياشتا ئىدى. ئۇ قۇربان بولغاندىن كېيىن، شاڭخەيدە300 مىڭ كىشى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قۇرۇقلۇق ئارمىيە شياۋجاڭى دەپ نام بېرىدۇ.