دۇڭجىڭ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
دۇڭجىڭ (كەيفېڭ) شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركىزىي شەھەر. شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات سودا شەھەرلىرىنىڭ بىرى. كەيفېڭ شەھىرىدە شۇ زامانلاردا ئۈچ قات سېپىل بار ئىدى. شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسى كۋادرات شەكىلدىكى خان قەلئەسى ئىدى، تۆت تەرىپىدە شۈەندې قوۋۇقى، دۇڭخۇا قوۋۇقى، شىخۇا قوۋۇقى، گۇڭچېن قوۋۇقلىرى بار ئىدى. شۈەندې قوۋۇقى شەھەرنىڭ ئالدى قوۋۇقى بولۇپ شەھەرنىڭ ئوق لىنىيىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. ئىككىنچى سېپىلنىڭ ئىچى ئىچكى شەھەر بولۇپ، سېپىل ئايلانمىسى5 .13 كىلومېتىر كېلىدۇ،10 قوۋۇقى بار. تاشقى سېپىلنىڭ ئايلانمىسى20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ،بۇ سېپىلدا سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قوۋۇقىدىن20 سى بار. ھەربىر قات سېپىلنىڭ سىرتىدا ھەربىي مۇداپىئەگە ئىشلىتىلىدىغان خەندەكلەر بار.
شەھەرنىڭ ئاساسلىق غول يوللىرى خان قەلئەسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەرقايسى شەھەر قوۋۇقلىرىغا توغرىلىنىپ، «(» شەكىللىك چاسا تور ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئاساسلىق غول يول جەمئىي تۆت بولۇپ، شۇ زامانلاردا خان يولى دەپ ئاتالغان. شەھەر مەركىزىدىكى شۈەندې قوۋۇقى سىرتىدىكى خان يولى ئەڭ كەڭ بولۇپ، كەڭ يېرى300 مېتىر كېلىدۇ، ھەربىر خان يولى خانغا تەۋە مەخسۇس يول، پىيادىلەر يولى، كۆكەرتىش بەلۋېغى ۋە خەندەك ئېرىقلاردىن تەركىب تاپقان.
شەھەرنىڭ سۇ قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. شەھەر ئىچىدىكى تۆت دەريا − بيەنخې دەرياسى، سەيخې دەرياسى، ۋۇجاڭخې دەرياسى ۋە جىنشۇيخې دەريالىرى سېپىل خەندەكلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتىشىدۇ. بيەنخې دەرياسى شەھەرنى شەرقتىن غەربكە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي بۈيۈك قانالغا تۇتىشىدىغان، سودا، ئىقتىساد ۋە شەھەر خەلقى تۇرمۇشىدىكى ئاساسلىق قاتناش لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە دەريا كۆپ بولغاچقا، شەھەر ئىچى - سىرتىغا ئاساسلىق30 دىن ئارتۇق كۆۋرۈك سېلىنغان.
ئاۋات بازارلار دۇڭجىڭ (كەيفېڭ) نىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان بولۇپ، ئولتۇراق رايونلىرىغىچە تۇتىشىدۇ، بىر - بىرىگە يانداش جايلاشقان رەستە - ئاشپۇزۇللار كوچا - كويلارنى ئاۋات سودا كوچىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. بەزى سودا كوچىلىرى تېخى دەريا ياقىسىغا جايلاشقان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جاڭ زېدۇەن سىزغان «چوكانتال مەزگىلىدە دەريا بويىغا بېرىش» ناملىق رەسىمدە شۇ زامانلاردىكى دۇڭجىڭ )كەيفېڭ( نىڭ ئاۋات مەنزىرىسى تەپسىلىي ۋە جانلىق سۈرەتلەنگەن. رەسىمدىكى كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار بىلەن بېزەلگەن رەستە - ئاشپۇزۇللارغا تولغان، بەزى دۇكانلارنىڭ ئالدىغا داڭلىق رەسىم ۋە ھۆسنخەتلەر ئېسىلغان. بەزىلىرىنىڭ ئالدىغا ئاجايىپ كۆركەم ۋە چىرايلىق پەشتاقلار ياسالغان ...
شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى دۇڭجىڭ )كەيفېڭ( پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد مەركىزى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. «خانلىق بىلىم يۇرتى» مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلىرى38 مىڭغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «خانزادىلەر مەكتىپى، ئىپتىدائىي مەكتەپ، چامباشچىلىق مەكتىپى، قانۇن مەكتىپى، ھېسابچىلىق مەكتىپى» ۋە « تېببىي مەكتەپ» قاتارلىق مەكتەپلەر ئېچىلغان، «شاۋۋېنگۇەن» كۇتۇپخانىسى، «شىگۇەن» كۇتۇپخانىسى، «جىشيەنگۈەن» كۇتۇپخانىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ كۇتۇپخانىدا80 مىڭ كىتاب ساقلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا دۇڭجىڭنىڭ60 نەچچە يېرىدە بۇتخانا، ئىبادەتخانا ۋە راھىبەخانا دېگەندەك ھەر خىل دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بار ئىدى.