UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىدېڭ يەندا

دېڭ يەندا

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى دېڭ يەندا (1895 −1931 - يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇياڭ دېگەن يېرىدىن. ئۇ دەسلەپ باۋدىڭ ھەربىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇپ، كېيىن فۇجۇغا بېرىپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تەشكىللىگەن فۇجيەن، گۇاڭدۇڭغا ياردەم بېرىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنقىلاب يولىغا قەدەم قويۇپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ سادىق مۇرىتى ۋە ئاكتىپ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ قالغان.1922 - يىلى چېن جياۋمىڭ گۇاڭجۇدا خائىنلىق قىلغاندا، دېڭ يەندا گۇاڭدۇڭ ئارمىيىسى1 - دىۋىزىيىسىدە پولك كوماندىرى ئىدى. ئۇ سۇن جۇڭشەننى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئۈچۇق بىلدۈرۈپ ھەمدە1 - دىۋىزىيىدىكى ئىنقىلابىي يولداشلارغا ۋاكالىتەن شاڭخەيگە بېرىپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىدىن قانداق ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق سورىغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن گۇاڭجۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىسىمنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چېن جياۋمىڭنىڭ ئاسىي قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا تۆھپە قوشقان.1924 - يىلى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئۇ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ھەربىي مەكتەپ مەشىقلەندۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى ۋە تەلىم - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ياخشى تەربىيىچى بولۇپ قالغان. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دېڭ يەندا گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. گۇاڭدۇڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋۇخەنگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، گومىنداڭنىڭ2 - نۆۋەتلىك3 - ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ جيېشىنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش قارارىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يىغىندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي دېھقانلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋۇچاڭدا مەركىزىي دېھقانلار كۇرسى ئېچىپ، كۇرسنىڭ مەسئۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇ سۇن جۇڭشەننىڭ ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى ئاكتىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان.1927 - يىلى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار كەينى - كەينىدىن ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، بۈيۈك ئىنقىلابنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرگەندە، دېڭ يەندا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ، ۋۇخەندىن ئايرىلىپ ئىستولبا تەكشۈرگۈچى ئىشچى قىياپىتىدە، بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريولىنى بويلاپ جىڭجۇغا بېرىپ، ئۇ يەردىن شىئەن ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇ سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتى (جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ تەكتى)نىڭ نامى بىلەن، موسكۋادا «جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.1930 - يىلى باھاردا، دېڭ يەندا ۋەتەنگە مەخپىي قايتىپ، جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەت كومىتېتىنى رەسمىي تەشكىللەپ قۇرۇپ، باش ئىش بېجىرگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان. ژۇرنال نەشر قىلىپ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، جياڭ جيېشى گۇرۇھىغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.1931 - يىلى8 - ئايدا، ئۇ شاڭخەينىڭ يۈيۈەنفاڭ دېگەن يېرىدە تەربىيىلىنىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقاندا، خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.11 - ئايدا ئۇ نەنجىڭدىكى چىلىڭمىن قوۋۇقى سىرتىدا جياڭ جيېشى تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
دېڭ يەندا | UyghurWiki | UyghurWiki