مىڭ سۇلالىسىنىڭ بىرتۇتاش باج ئېلىش چارىسى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھۆكۈمرانلار كەڭ كۆلەمدە ھەشەمەتلىك ئۆي - ئىمارەت سېلىپ، ئېسىل تاۋار - دۇردۇنلارغا ئورىنىپ ئېسىل نازۇنېمەتلەرنى يەپ، ئىسراپخورلۇق، ھەشەمەتچىلىكتە چېكىگە يەتتى، باج - سېلىق تۈرلىرى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ، ھاشار - مەجبۇرىيىتىمۇ ئىنتايىن ئېغىرلاشتى، دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن قېچىپ كەتتى. بيۇروكرات پومېشچىكلار ئاچ كۆزلۈك بىلەن يەرلەرنى قوشۇۋالدى ھەمدە يەر يوشۇرۇپ، باج تۆلەشنى رەت قىلدى. «يوقسۇللار باج تۆلەش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، بايلار يېرى تۇرۇپ ئاشلىق (يەنى باج ئاشلىقى) تاپشۇرمايدىغان بولدى.» شۇنىڭ بىلەن، دۆلەتنىڭ مالىيەسى يىلدىن - يىلغا قۇرۇقدىلىپ قالدى. مىلادىيە1581 - يىلى باش ۋەزىز جاڭ جۈيجېڭ فېئوداللىق دۆلەتنىڭ كرىزىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يەرلەرنى قايتىدىن ئۆلچەش ئاساسىدا پۈتۈن مەملىكەتتە «بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى» دىن ئىبارەت يېڭى باج - سېلىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى. «بىر تۇتاش باج ئېلىش»، «رويخەتكە ئېلىش» ئاساس قىلىنغاچقا، بۇ تۈزۈم يەنە «بىر تۇتاش باج ئېلىپ رويخەتكە كىرگۈزۈش چارىسى» دەپ ئاتالدى.
بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسىدە: ئايماق، ناھىيىلەردىكى يەر بېجى، ھاشار ۋە باشقا قوشۇمچە ئالۋانلارنى بىر تۇتاش تىزىملاپ، ھەممىنى كۈمۈشكە سۇندۇرۇپ باج يىغىش؛ ھاشار بېجىنى ئەسلىدىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنى ئاساس قىلىپ يىغىشنى بىر قىسمىنى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنى ئاساس قىلىپ يىغىش، يەنە بىر قىسمىنى يەرنى ئاساس قىلىپ يىغىشقا ئۆزگەرتىش، ئەمگەك سېلىقىنى بىكار قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ ئادەم ياللاش ئارقىلىق ئورۇنداش بەلگىلەندى.
بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى باج بىلەن ھاشارنى بىرلەشتۈرۈپ، ماددىي بۇيۇم بېجىنى پۇل تۆلەيدىغان باجغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. بۇ، ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگونىڭ باج تۈزۈمىدىكى يەنە بىر چوڭ ئىسلاھات بولۇپ، بيۇروكرات پومېشچىكلارنىڭ باج ئوغرىلاش، باج يوشۇرۇش ۋە باج تاپشۇرۇشتا باراۋەر بولماسلىقتەك ئەھۋاللىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. كۈمۈش سېلىقى تۈتۈننى قۇرامىغا يەتكەنلەرنى باج يىغىش ئوبيېكتى قىلىشتىن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە، يەرگە چېچىشقا ئۆزگەرتىلدى، بۇ، يەرسىز ياكى يېرى ئاز دېھقانلارغا پايدىلىق بولدى. ئەمگەك مەجبۇرىيىتى ئۈچۈن كۈمۈش يىغىش دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بېقىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاجىزلاشتۇردى، يەر بېجى كۈمۈش يىغىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاۋارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ مۇئەييەن رول ئوينىدى.