UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمىشىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ يەر تەڭشەش تۈزۈمى

شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ يەر تەڭشەش تۈزۈمى

جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇزاق مەزگىللىك يېغىلىق سەۋەبىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە نوپۇس جىددىي ئازىيىپ، كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەر ئاق قالدى، بەختكە يارىشا ئامان قالغان بىر قىسىم دېھقانلار زوراۋان پومېشچىكلارغا بېقىنىپ، ئۇلارنىڭ يانچىسى بولۇشقا مەجبۇر بولدى. مىلادىيە485 - يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يەر تەڭشەش پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، يېڭى يەر قانۇنىنى يولغا قويدى. يەر تەڭشەش تۈزۈمىدە:15 ياشتىن چوڭ ئەرلەرگە40 مو، ئاياللارغا20 مو ئېتىزلىق يەر (شال تېرىيدىغان يەر) بېرىش، ئارام ئالدۇرۇپ تېرىلىدىغان يەرنى بۇنىڭدىن بىر ھەسسە كۆپ بېرىش، قۇللار، دېدەكلەرگىمۇ ئادەتتىكى دېھقانلارغا ئوخشاش يەر بېرىش، بىر كالىسى بارلارغا30 مو يەر بېرىش، كالىسى تۆت تۇياقتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئېتىزلىق يەرنى ئېلىپ - سېتىشقا رۇخسەت قىلماسلىق، قېرىپ تېرىش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا ياكى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنى ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇش. ئەرلەرگە يەنە20 مو ئۈجمىلىك يەر بېرىش، ئۈجمىلىككە50 تۈپ ئۈجمە، بەش تۈپ چىلان، ئۈچ تۈپ قارىياغاچ تىكىش. كەندىر تېرىلىدىغان جايلاردا10 مو كەندىرلىك بېرىش. ئۈجمىلىك ئەۋلادلىرىغا قالسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆز يېزىسىدا يەر يېتىشمىسە، پۇقرالارنىڭ «كەڭ - كۇشادە يۇرت» (ئادەم ئاز، يەر كۆپ جاي) لارغا كۆچۈپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش. پۇقرالارغا بېرىدىغان يەر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئىگىسى يوق قاقاسلىق بولغاچقا، پومېشچىكلار زىيانغا ئۇچرىمىدى، بەلكى ئۇلار قۇل - دېدەكلەرنى ۋە تېرىلغۇ كالىلىرىنى ئىگىلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يەرگە ئىگە بولۇۋالدى. مىلادىيە486 - يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئېتىزلىق يەر تېرىيدىغان پۇقرالاردىن ئىجارە سېلىقى يىغىش پەرمانىنى جاكارلاپ: بىر جۈپ ئەر - ئايال يىلىغا ئىككى دادەن تېرىق، بىر توپ ماتا تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلىدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ يەر تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ئاقسۆڭەكلەر ۋە پومېشچىكلارنىڭ يەر قوشۇۋېلىشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلەپ، يېرى يوق ياكى يېرى ئاز بىر قىسىم دېھقانلارنى يەرگە ئىگە قىلىپ، ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەلۇم رول ئوينىدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن كېيىنكى شىمالىي چى، شىمالىي جۇ، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىمۇ يەر تەڭشەش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، كونكرېت چارىلىرىدە ئۆزگىرىش بولدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەرلەرنى قوشۇۋېلىش بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، يەر تەڭشەش تۈزۈمى پەيدىنپەي يىمىرىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمى