چىڭ سۇلالىسىنىڭ نوپۇس بېجىنى مو بېشىغا چېچىش تۈزۈمى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى باج - سېلىق تۈزۈمىنىڭ تارىختىن بۇيان نوپۇسنى باج يىغىش ئوبيېكتى قىلىش ۋە مال - مۈلۈكنى باج يىغىش ئوبيېكتى قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرى بار ئىدى. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى باج - سېلىق تۈزۈمى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنىنى بۆلۈنۈش نۇقتىسى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نوپۇس ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كۈچلۈك جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرەتتى، كېيىن مال - مۈلۈك ئاساس قىلىندى، ئەسلىدىكى نوپۇس بېجى، تۈتۈن سېلىقى ۋە ھاشار سېلىقى پەيدىنپەي يەر بېجى ۋە مال - مۈلۈك بېجىغا ئالمىشىپ، جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئاجىزلاشتى.
چىڭ سۇلالىسىدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى داۋاملىق يۈرگۈزۈلدى، شۇنداقلا دېھقانلار يەنە بىر قىسىم نوپۇس بېجىنى ئۈستىگە ئالدى. دېھقانلارنىڭ داۋاملىق قېچىپ كېتىشى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن نوپۇس ئازىيىپ، نوپۇس بېجى ئۈچۈن كۈمۈش يىغىش قىيىنلاشتى. مىلادىيە1712 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇس بېشىغا ئېلىنىدىغان كۈمۈش سوممىسىنى ئۆلچەم قىلىش ئاساسىدا، بۇنىڭدىن كېيىن «تۇغۇلۇپ قۇرامىغا يەتكەنلەردىن مەڭگۈ باج ئالماسلىق» نى جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس بېجى كىرىمىنى مۇقىملاشتۇردى. پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ يېرى كۆپ، نوپۇسى ئاز، دېھقانلارنىڭ نوپۇسى كۆپ، يېرى ئاز بولغاچقا، نوپۇس بېجىنى كۆپەيتمەسلىك دېھقانلارغا پايدىلىق ئىدى.1723 - يىلى چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «نوپۇس بېجىنى مو بېشىغا چېچىش تۈزۈمى» نى رەسمىي يولغا قويدى، يەنى نوپۇس بېجى ھېسابىدا ئالىدىغان كۈمۈشنى يەر بېجىغا قوشۇپ ئىككى خىل باجنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق يەر بىلەن نوپۇسنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويدى.1777 - يىلىغا كەلگەندە گۇيجۇدا نوپۇس بېجىنى مو بېشىغا چېچىش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلۈپ، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەر بىلەن نوپۇسنى بىرلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشتى.
نوپۇس بېجىنى مو بېشىغا چېچىش تۈزۈمى جۇڭگو تارىخىدا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان نوپۇس بېجىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىكار قىلىپ، دېھقانلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇردى. بىراق بۇ ئاكتىپ تەدبىرلەر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن قارشىلىقى ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. كۆپلىگەن جايلاردىكى ئالۋان - ياساقلار يەنىلا ناھايىتى ئېغىر، قوشۇمچە باجلار ھەددى - ھېسابسىز كۆپ بولۇپ، كەڭ ئەمگەكچى خەلق چەكسىز ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇشى1840
- يىلى (داۋگۇاڭنىڭ20 - يىلى) ئەنگلىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ ئەپيۈن ئۇرۇشىنى قوزغىدى. جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيەتتىن پەيدىنپەي يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە جەمئىيەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ، جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، فېئوداللىق جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەنىدى. دۇنيا كاپىتالىزمى يۈكسىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى سىرتقا قارىتا بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پەقەت گۇاڭجۇنىلا چەت ئەللەر بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشقا ئېچىۋەتكەنىدى. جۇڭگو بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ كۈمۈشىنى تېخىمۇ كۆپ تالان - تاراج قىلىش ئۈچۈن،18 - ئەسىرنىڭ70 -،90 - يىللىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئەتكەسچىلىك قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن نومۇسسىزلارچە پايدىلىنىپ جۇڭگوغا زور مىقداردا ئەپيۈن كىرگۈزدى. ئەپيۈن بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت چەكسە ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، روھىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. ئەپيۈننىڭ كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈشى كۈمۈشنىڭ زور مىقداردا سىرتقا ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۈمۈش باھاسىنى ھەسسىلەپ ئۆرلىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە كىرىمىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر ۋە بيۇروكراتلار ئەپيۈن چەككەچكە، سىياسىي تېخىمۇ چىرىكلەشتى. بىر قىسىم ئەسكەرلەرمۇ ئەپيۈن چەككەنلىكتىن، ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇسلاپ كەتتى. «كۈمۈش قەھەتچىلىكى» ۋە «قوشۇننىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سالدى، شۇنىڭ بىلەن داۋگۇاڭ خان ئەپيۈن چەكلەشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغۇچى لىن زېشۈينى خان مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلەپ، گۇاڭجۇغا ئەپيۈن چەكلەشكە ئەۋەتتى.1839 - يىلى3 - ئايدا لىن زېشۈي گۇاڭجۇغا بېرىپ، گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى باش ھەربىي ۋالىيسى دېڭ تىڭجېن ۋە گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش بۇغى گۇەن تيەنپېي بىلەن ئۇچرىشىپ ئەپيۈن ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئېلىپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنى تەرتىپكە سالدى.6 - ئاينىڭ3 - كۈنى لىن زېشۈي ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىدىن مۇسادىرە قىلىۋالغان1 مىليون100 مىڭ كىلوگرامدىن ئارتۇق ئەپيۈننى خۇمېن دېڭىز ساھىلىدا ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئەنگلىيە رەزىل ئەپيۈن ئەتكەسچىلىك سودىسىنى قوغداپ جۇڭگودا بازار ئېچىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشنى قارار قىلدى.1840 - يىلى6 - ئايدا ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى گۇاڭدۇڭنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەپيۈن ئۇرۇشى پارتلىدى. گۇاڭدۇڭنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى ئارمىيە - خەلق ھەربىي جەھەتتە پۇختا تەييارلىق قىلغاچقا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ شيامېنغا ھۇجۇم قىلىپ، دىڭخەينى ئىشغال قىلدى، ئاندىن داۋاملىق شىمالغا يۈرۈش قىلىپ تيەنجىندىكى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا كېلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە تۆلەم تۆلەش، زېمىن كېسىپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار يولسىز تەلەپلەرنى قويدى. بۇنىڭدىن ئالاقزادە بولغان داۋگۇاڭ خان لىن زېشۈينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپ، جىلى (بۈگۈنكى خېبېي) نىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى چى شەننى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتتى. چى شەن ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن «چۈەنبى كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، شياڭگاڭنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە، ئەنگلىيىگە6 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولدى.
داۋگۇاڭ خان زېمىن كېسىپ بېرىپ تۆلەم تۆلەش «ئەجدادلارنىڭ شانۇ شەۋكىتى» گە داغ تەگكۈزىدۇ دەپ قاراپ، ئەنگلىيىگە قارشى جەڭ قىلىشنى قارار قىلىپ، خان جىيەنى يى شەننى گۇاڭجۇغا بېرىپ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشقا ئەۋەتتى.1841 - يىلى2 - ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى خۇمېنغا ھۇجۇم قىلدى، گۇەن تيەنپېي مۇداپىئەچى قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىپ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.5 - ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى گۇاڭجۇغا ھۇجۇم قىلدى، يى شەن تەسلىم بولۇپ ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن «گۇاڭجۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ،6 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلىدى، شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى گۇاڭجۇدىن چېكىنىپ چىقتى. گۇاڭجۇ شەھەر ئەتراپىدىكى سەنيۈەنلى خەلقى بۇ جايغا كېلىپ بۇلاڭ - تالاڭ ئېلىپ بارغان ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، رەسۋالارچە قېچىشقا مەجبۇر قىلدى.
داۋگۇاڭ خان ئامالسىزلىقتىن «گۇاڭجۇ سۈلھى شەرتنامىسى» نى تەستىقلاپ، ئۇرۇشنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى دەپ قاراپ، قوشۇن قىسقارتىشقا باشلىدى. بىراق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېرىشكەن ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە قانائەت قىلماي، ھېنرى پوتتىنگېرنى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.8 - ئايدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى شيامېننى ئىشغال قىلىۋالدى.9 - ئايدا دىڭخەيگە ھۇجۇم قىلدى. باش بۇغ گې يۈنفېي، جېڭ گوخۇڭ، ۋاڭ شىپېڭ قاتارلىقلار قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ بەش كېچە - كۈندۈز قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىردا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.1842 - يىلى3 - ئايدا جېجياڭدىكى ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇۋاتقان خان جىيەنى يى جىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، خاڭجۇغا قېچىپ كەتتى.6 - ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى چاڭجياڭ دەرياسىغا تاجاۋۇز قىلىپ باۋشەن، شاڭخەي، جېنجياڭلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئىشغال قىلىۋالدى.8 - ئايدا ئەنگلىيە فلوتى نەنجىڭنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تىز پۈكۈپ سۈلھى تەلەپ قىلدى.8 - ئاينىڭ29 - كۈنى جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق شەرتلەر بويىچە، ئىگىلىك ھوقۇقنى يوقىتىپ دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرگەن «جۇڭگو - ئەنگلىيە نەنجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن1 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو دەسلەپكى قەدەمدە فېئوداللىق جەمئىيەتتىن يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.