UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمىغەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ يەر ئىگىلەش تۈزۈمى

غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ يەر ئىگىلەش تۈزۈمى

جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى مىلادىيە280 - يىلى غەربىي جىن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەر ئىگىلەش تۈزۈمىنى ئېلان قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەمەلدارلار ۋە دېھقانلارنىڭ يەر ئىگىلەش چېكىنى بېكىتتى. يەر ئىگىلەش تۈزۈمىدە، دېھقانلار دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىسا بولىدۇ، ئەرلەر70 مو، ئاياللار30 مو يەر ئىگىلىسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇ، ئەڭ يۇقىرى چەك ئىدى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ چەككە يېتىش - يەتمەسلىك بىلەن كارى يوق ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باج بولغاچقا، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر (16 ياشتىن60 ياشقىچە)50 مو يەرنىڭ ئىجارىسىنى، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار20 مو يەرنىڭ ئىجارىسىنى، ئارىلىقتىكى ئەرلەر (13 ياشتىن15 ياشقىچە،61 ياشتىن65 ياشقىچە) مۇ20 مو يەرنىڭ ئىجارىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. ھەربىر مو يەرنىڭ ئىجارىسى سەككىز شىڭ،50 مو يەرنىڭ ئىجارىسى تۆت خۇ بولاتتى. بۇ خىل يەر ئىجارىسى ئېلىش چارىسى يەر بېجى تۈزۈمى دەپ ئاتالغان بولۇپ، دېھقانلارنى يەر تېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. «يەر بېجى» دىن باشقا، دېھقانلار يەنە تۈتۈننى بىرلىك قىلىپ «تۈتۈن سېلىقى» تاپشۇراتتى. قۇرامىغا يەتكەن ئەر تۈتۈن باشلىقى بولغان تۈتۈنلەر يىلىغا ئۈچ توپ يىپەك، ئۈچ جىڭ ماتا تاپشۇراتتى، قۇرامىغا يەتكەن ئايال ۋە ئارىلىقتىكى ئەر تۈتۈن باشلىقى بولغان تۈتۈنلەر يۇقىرىقىنىڭ يېرىمىچىلىك تاپشۇراتتى. غەربىي جىن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولاتتى. ئۇلار ئەمەل دەرىجىسىگە قاراپ نۇرغۇن يەرلەرنى ئىگىلىسە بولاتتى. يەر ئىگىلەش تۈزۈمىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار50 گېكتار (5000 مو) يەر ئىگىلەش، ئەمەل دەرىجىسى بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدارلار بەش گېكتار ئاز يەر ئىگىلەش، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى توققۇزىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ10 گېكتار يەر ئىگىلەش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەمەلدارلار ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، دۆلەت ۋە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى كۆپلەپ ئىگىلىۋالاتتى، ئالايلۇق، ساداقچىلار سانغۇنى پاڭ زۇڭنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسادىرە قىلىنغان يېرىلا200 گېكتاردىن ئارتۇق ئىدى. يەر ئىگىلەش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى نەسەبى چوڭ پومېشچىكلارنىڭ يەر ۋە ئەمگەك كۈچىنى چەكسىز ئىگىلىۋېلىشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلەپ، يەرسىز ۋە يېرى ئاز دېھقانلارنى بوز يەر ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نوپۇس ۋە باج كىرىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمى
غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ يەر ئىگىلەش تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki