UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمىۋېي پادىشاھلىقىنىڭ بوز يەر ئېچىش تۈزۈمى

ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ بوز يەر ئېچىش تۈزۈمى

جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى بوز يەر ئېچىش تۈزۈمى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خەن ۋۇدى زامانىسىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان، كېيىن، تارىختا ئۆتكەن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرمۇ يولغا قويغان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ساۋ جەمەتى قۇرغان ۋېي پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ بوز يەر ئېچىش كۆلىمى زور، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بىر قەدەر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، مىلىتارىستلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشلىرى تۈپەيلىدىن ئاشلىق ئىنتايىن كەملەپ كەتتى. مىلادىيە196 - يىلى ساۋ ساۋ شۈيشيەن (ھازىرقى خېنەندىكى شۈيچاڭ) ئەتراپىدا بوز يەر ئېچىش ئىشلىرىنى تەشكىللەپ، بىر يىلدىلا ئاشلىقتىن1 مىليون دادەن ھوسۇل ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ساۋ ساۋ ئۆزى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان جايلاردا بوز يەر ئېچىشنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى بىرئاز ياخشىلىدى. ساۋ جەمەتى قۇرغان ۋېي پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى پۇقرالارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنەتتى. پۇقرالارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى بولسا، ھۆكۈمەت ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان دېھقانلارنى تەشكىللەپ «تېرىقچىلار» دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا ئۇرۇق، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ئۇلاغ قاتارلىقلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىگىسى يوق تېرىلغۇ يەر ۋە قاقاس يەرلەرنى تېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، تېرىقچىلار ھوسۇلنىڭ %50 ياكى %60 ىنى ئىجارە ھەققى سۈپىتىدە ھۆكۈمەتكە تاپشۇراتتى. ھۆكۈمەت بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمىرلەشكىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كاھبېگى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چېرىكچىسى قاتارلىق مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىپ ئۇلارنى باشقۇراتتى. ھەربىيلەرنىڭ بوز يەز ئۆزلەشتۈرۈشىدە لەشكەرلەر ئەمگەك كۈچى قىلىنغان بولۇپ، «تېرىقچى لەشكەرلەر» دەپ ئاتالدى، ئۇلار ئۇرۇش ۋاقتىدا جەڭ قىلسا، تىنچ مەزگىلدە تېرىقچىلىق قىلاتتى، بۇنداق قىلىشتا بۇ قوشۇنلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇزۇش مەقسەت قىلىنغانىدى. ساۋ جەمەتى قۇرغان ۋېي پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان شىمالنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن سەرگەردان خەلقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىمالنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ كۈچىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، جىن سۇلالىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ئاساس سالدى. بىراق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بوز يەر ئاچقۇچىلارنى قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغاچقا، تېرىقچىلار ۋە تېرىقچى ئەسكەرلەر ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسەتتى، جىن سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمى