چاسا ئېتىز تۈزۈمى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى
چاسا ئېتىز تۈزۈمى شاڭ سۇلالىسى دەۋرى ۋە جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر خىل يەر تۈزۈمى بولۇپ، يەرلەر «چاسا» شەكىلدە بۆلۈنگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بىرقەدەر تىپىك چاسا ئېتىزلاردا ئېرىق، ئۆستەڭ قاتارلىق سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە يول، پاسىل قاتارلىق يول سىستېمىسى ئارقىلىق يەرلەر پارچە - پارچە چاسىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، چاسا ئېتىزلارنىڭ ئەتراپىغا چوڭقۇرراق خەندەكلەر قېزىلاتتى. بۇ، خۇسۇسىيلىق خاراكتېرى يوق بىر خىل يەر تۈزۈمى بولۇپ، يەرلەرنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىشقا بولمايتتى.
چاسا ئېتىز تۈزۈمىنىڭ خاراكتېرى ۋە باشقۇرۇش شەكلى توغرىسىدا ھازىر ئىلىم ساھەسىدە تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق، ئاساسلىقى، مۇنداق ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت: بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: چاسا ئېتىز تۈزۈمى — جۇ سۇلالىسى قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىنىڭ يەر تۈزۈمى، يەر دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، نامدا جۇ پادىشاھىغا مەنسۇپ بولىدۇ. جۇ پادىشاھى يەرلەرنى سۇيۇرغال بەگلەرگە ۋە ئەمەلدارلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇلار يەرگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىدۇ. چاسا ئېتىزلارنىڭ بىر پارچىسى تەخمىنەن100 مو (تەخمىنەن ھازىرقى31 مودىن كۆپرەككە توغرا كېلىدۇ) بولۇپ، بۇ، قۇللارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىدىكى بىر خىل يەر بىرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن، شۇنداقلا قۇللار ئەمگىكىنى نازارەت قىلىشقا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، چاسا ئېتىزلاردا قۇللارنى كوللېكتىپ تېرىقچىلىق قىلدۇرۇش يولغا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: چاسا ئېتىز تۈزۈمى فېئوداللىق دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر تۈزۈمىدىن ئىبارەت. ئاقسۆڭەكلەر بىر بۆلەك يەرنى ئائىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا يانچىلارنىڭ تېرىشىغا بېرىدۇ، ھوسۇل يانچىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى يەنە بىر بۆلەك يەر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ، يانچىلار بۇ يەرنى ئۇلارغا تېرىپ بېرىدۇ. بۇ، ئەمگەك قىلىپ يەر ئىجارىسى تۆلەيدىغان فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە شەكلىدىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر: چاسا ئېتىز تۈزۈمى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ يەرگە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلكەن، ئاقسۆڭەكلەر يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تۈزۈمدىن ئىبارەت. ئەسلىدە جامائە ئەزالىرى كوللېكتىپ تېرىيدىغان چوڭ »جامائە يېرى« جۇ پادىشاھى، سۇيۇرغال بەگلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي يېرىگە ئايلانغان، دېھقانلار تېرىيدىغان ئازغىنە «خۇسۇسىي يەر» لەر ئەسلىدە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش چاسىلارغا بۆلۈنۈپ جامائە ئەزالىرىنىڭ تېرىشىغا بېرىلگەن بولۇپ، دېھقانلار ئاقسۆڭەكلەرگە ئوندىن بىر قىسىم ھوسۇلنى تاپشۇرغان، بۇ يەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي يېرىگە ئايلىنىپ كەتكەن، دەپ قارايدۇ.