UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمىتاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىجارە، ھاشار - سېلىق تۈزۈمى ۋە ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنى

تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىجارە، ھاشار - سېلىق تۈزۈمى ۋە ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنى

جۇڭگونىڭ قەدىمكى باج تۈزۈمى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى باج - سېلىق تۈزۈمى ئىجارە، ھاشار ھەققى، سېلىق دەپ ئاتىلاتتى، بۇ خىل تۈزۈم شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن سۇي سۇلالىسىغىچە يولغا قويۇلغان يەر تەڭشەش تۈزۈمى ئاساسىدىكى ئىجارە - باج، ھاشار تۈزۈملىرىدىن كەلگەن بولۇپ، مىلادىيە619 - يىلى يولغا قويۇلغان،624 - يىلى يەنە: قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر يىلىغا ئىككى دادەن تېرىق تاپشۇرۇش، بۇنى «ئىجارە» دەپ ئاتاش، يىلىغا20 كۈن ھاشار مەجبۇرىيىتى ئۆتەش ياكى ھاشار ھېسابىغا كۈنىگە ئۈچ چى يىپەك (ياكى75 .3 چى ماتا) تاپشۇرۇش، بۇنى «ھاشار ھەققى» ياكى «ھاشار ئورنىغا سېلىق تۆلەش» دەپ ئاتاش؛ يىلىغا ئىككى گەز يىپەك، ئۈچ سەر مەشۇت ياكى .24 گەز رەخت، ئۈچ جىڭ كەندىر تاپشۇرۇش، بۇنى «سېلىق» دەپ ئاتاش بەلگىلەندى. مانا بۇ، ئىجارە، ھاشار - سېلىق تۈزۈمىدۇر. ئىجارە - ھاشار ھەققى، سېلىق تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنى بىرلىك قىلىپ باج يىغىش، ھاشار مەجبۇرىيىتى ئۆتىمىگەنلەر ئۇنىڭ ئورنىغا «ھاشار ھەققى» تۆلەشتىن ئىبارەت. بۇ تۈزۈمنىڭ بېكىتىلىشى تاڭ سۇلالىسىگە غايەت زور بايلىق جۇغلاپ بەردى. تارىخنامىلەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە749 - يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدىكى زاپاس ئاشلىق96 مىليون60 مىڭ دادەنگە يەتكەن، بۇنى شۇ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرگە چاچقاندا ھەربىر كىشىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن5 .12 دادەندىن توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئالتە يىلدىن كۆپرەك ئىجارە ھەققىگە توغرا كېلەتتى. كېيىن يەرلەرنى ئىختىيارىي ئېلىش - سېتىش ۋە قوشۇۋېلىشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، يەر تەڭشەش تۈزۈمى بارا - بارا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، دېھقانلارغا تېرىلغۇ يەر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئېغىرلاشتى. ھۆكۈمەتمۇ باج - سېلىقنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن دېھقان خانىۋەيران بولۇپ قېچىپ كەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى باج تاپشۇرىدىغانلار كۈندىن - كۈنگە ئازايدى، مالىيە كىرىمىمۇ ئازىيىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئىجارە - ھاشار ھەققى، سېلىق تۈزۈمى ئاقماي قالدى. مىلادىيە780 - يىلى تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باش ۋەزىر ياڭ يەننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنىنى يولغا قويدى. ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنىدا ھەر يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە باج ئېلىش بەلگىلەندى. بۇ قانۇننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ھۆكۈمەت يىللىق چىقىمىغا ئاساسەن باجنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بېكىتىش، ئاندىن بۇنى سېلىق سېلىپ باج يىغىۋېلىش، مىلادىيە779 - يىلىدىكى تېرىلغۇ يەر سانىنى سېلىق سېلىپ باج يىغىۋېلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش، ئىجارە، ھاشار ھەققى، سېلىق ۋە باشقا قوشۇمچە باجلارنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىش، يەر ۋە مال - مۈلۈكنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ يەر بېجى ۋە نوپۇس بېجى يىغىش، سودىگەرلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئايماق، ناھىيىلەردە باج تاپشۇرۇش، باج نىسبىتى مال - مۈلۈكنىڭ30 /1 ىدىن دىن ئېشىپ كەتمەسلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئاساس قىلىپ باج يىغىشنى مال - مۈلكىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ باج ئېلىشقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنى بيۇروكرات پومېشچىكلارنىڭ باجدىن خالاس بولۇش ئىمتىيازىنى قانۇنىي جەھەتتە بىكار قىلىپ، باج يىغىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن تۈرلۈك باجلارنى بىرلەشتۈرۈپ، باج - سېلىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇ، جۇڭگو باج تۈزۈمى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھات. بىراق، ئەمگەكچى خەلقنىڭ يۈكى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىدى.809 - يىلى داڭلىق شائىر بەي جۇييى شېئىرىدا: ئىجارە تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرىمنى سېتىپ، ئۈجمىلىك يېرىمنىمۇ قويدۇم رەنىگە. ئەمدى كېلەر يىلى نېمىمۇ يەرمەن، ئۇچامغا ئارتارمەن - كىيەرمەن نېمە؟ تارتىۋالدى ئۇچامدىن كىيىم - كېچەكنى، يۇلۇۋالدى ئاغزىمدىن تېرىق - كېپەكنى. قەبىﮫ چىلبۆرىنىڭ چىشى ئۆتكۈر ئىكەن، تىرناقلىرى قارماق كەبى ئادەم گۆشى يەركەن! دەپ يازغانىدى. ئىككى قېتىم باج ئېلىش تۈزۈمى تاكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە يولغا قويۇلۇپ، «بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى» يولغا قويۇلغاندىلا ئاندىن بىكار قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى باج تۇزۇمى
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىجارە، ھاشار - سېلىق تۈزۈمى ۋە ئىككى قېتىم باج ئېلىش قانۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki