UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىجۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى

جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى

جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى سودا - سانائەت كرېدىتى بىلەن شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ پۇل ئامانىتى كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي بانكا. پۇل ئامانەت ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ۋاقىتلىق بىكار مەبلەغنى جەلپ قىلىپ، بۇ بىكار مەبلەغ ۋە ئىستېمال مەبلىغىنى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغىگە ئايلاندۇرۇش سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم كەسپى. جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ باش ئورگىنى بېيجىڭدا بولۇپ، بانكىدا مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنغان، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي تەدبىر تۈزۈش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: جەمئىيەتتىكى مەبلەغنى زور كۈچ بىلەن توپلاش، كرېدىت مەبلىغىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، تاۋار ئوبوروتىنى كېڭەيتىشنى قوللاش، دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ۋە يەككە ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىكى مەبلەغ تەڭشەش ۋە قايتا تەقسىم قىلىش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى