UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىجۇڭگو قاتناش بانكىسى

جۇڭگو قاتناش بانكىسى

جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتناش بانكىسى دۆلىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزاق بانكا بولۇپ، ئەسلىدە جۇڭگودىكى تۆت چوڭ بيۇروكرات كاپىتال بانكىسىنىڭ بىرى ئىدى. بۇنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۆمۈريول، تېلېگراف، پوچتا، سۇ ترانسپورتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تەسىس قىلغان بولۇپ، قاتناش بانكىسى دېگەن بۇ نام ئەينى ۋاقىتتا قويۇلغان. قاتناش بانكىسى1908 - يىلى (گۇاڭشۈنىڭ34 - يىلى) قۇرۇلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنى نازارەت قىلىدىغان بانكا قىلىنغان.1958 - يىلىدىن باشلاپ، شياڭگاڭدىكى تارماق بانكىسى تىجارىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كەسپى جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسىغا قوشۇۋېتىلگەن. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ،1986 - يىلى7 - ئايدا گوۋۇيۈەن قاتناش بانكىسىنى يېڭىۋاشتىن تەشكىللەشنى قارار قىلغان. قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئورگىنى دەسلەپتە بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان،1928 - يىلى شاڭخەيگە كۆچۈرۈلگەن. ھازىر قاتناش بانكىسىنىڭ باش باشقۇرۇش ئورگىنى يەنىلا شاڭخەيدە. قاتناش بانكىسى ئۇنىۋېرسال بانكا. ئۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مەبلەغنى توپلاپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇل مۇئامىلە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قاتناش بانكىسىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى: خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇل ئامانىتىنى ۋە شەخسىي پۇل ئامانىتىنى جەلپ قىلىش، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ ئىچكى ۋە تاشقى راسچوت ۋە پېرېۋوت ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى زايومى ۋە تۈرلۈك ئاكسىيىلەرنى تارقىتىش، ئاكسىيە ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئامانەت - قەرز، سۇندۇرۇپ قەرز بېرىش ۋە دىسكونت ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ دۆلەت سىرتى ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا مەبلەغ سېلىپ ياكى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ بانكا، مالىيە شىركىتى ياكى باشقا كارخانىلارنى باشقۇرۇش؛ خەلقئارالىق بىرلىشىپ قەرز ئېلىش ۋە بانكا گۇرۇھى قەرز ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ تۈرلۈك تارماق بانكىلارنى تەسىس قىلىش، ئۆي - زېمىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ھاۋالە، مەبلەغ، ئىجارە، كېپىللىك، مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش؛ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھاۋالىسى، تاپشۇرۇقى ۋە تەستىقى چۈشكەن باشقا تىجارەت ئىشلىرىنى، شۇنىڭدەك قانات يايدۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت. قاتناش بانكىسى مۇدىرىيەت رەھبەرلىكىدىكى باش دىرېكتور مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇدىرىيەت ئەڭ يۇقىرى تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنىدۇر.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى
جۇڭگو قاتناش بانكىسى | UyghurWiki | UyghurWiki