جۇڭگو خەلق بانكىسى
جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى
جۇڭگو خەلق بانكىسى مەخسۇس مەركىزىي بانكىلىق فۇنكسىيە يۈرگۈزىدىغان، گوۋۇيۈەننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت ئورگىنىدۇر. باشقا كەسپىي بانكىلار ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن كەسپىي جەھەتتە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسى1948 - يىل12 - ئاينىڭ1 - كۈنى قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا باش ئورگىنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شجياجۇاڭ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. جۇڭگو خەلق بانكىسى پۈتۈن مەملىكەتكە بىرلىككە كەلگەن پۇل تارقىتىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان پۇلنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان بولۇپ، باشقا بانكىلار پۇل تارقىتالمايدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەم پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئورگىنى، ھەم پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلات.1979 - يىلىدىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۈرلۈك كەسپىي بانكىلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخسۇس مەركىزىي بانكىلىق فۇنكسىيە يۈرگۈزىدىغان بانكىدۇر.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى تۆۋەندىكىدەك ئون تۈرلۈك: پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ فاڭجېن - سىياسىتى، قانۇن - نىزامى، ئاساسىي تۈزۈمى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈش، تەستىقلانغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىش؛ پۇل تارقىتىشنى باشقۇرۇپ، بازارنىڭ پۇل ئوبوروتىنى تەڭشەش؛ خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت - قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت باھاسىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ ئامانەت - قەرز پىلانىنى تۈزۈش، ئامانەت - قەرز مەبلىغىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت، ئالتۇن - كۈمۈش ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، ئالتۇن زاپىسىنى باشقۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ مالىيە ئىسكىلاتىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش؛ پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ياكى تارقىتىۋېتىلىشى، قوشۇۋېتىلىشىنى تەستىقلاش؛ ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ كەسپىي خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنى باشقۇرۇش؛ ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش.