UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىجۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى

جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى قىسقارتىلىپ قۇرۇلۇش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاساس قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس بانكا بولۇپ،1954 - يىل10 - ئاينىڭ1 - كۈنى قۇرۇلغان. ئۇ مەخسۇس پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساس قۇرۇلۇشلىرىغا پۇل ئاجرىتىش ھەمدە بىناكارلىق كارخانىلىرىغا تۇراقسىز مەبلەغ قەرزى بېجىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.1984 - يىلى8 - ئايدا گوۋۇيۈەن دۆلەت مەبلەغ سالغان بارلىق تۈرلەرگە قەرز بېرىشنى يولغا قويىدۇ، دەپ بەلگىلىدى. قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باش بانكىسى بېيجىڭغا جايلاشقان، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە ھەمدە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تارماق بانكىسى تەسىس قىلىنغان، ۋىلايەتلەردە مەركىزىي تارماق بانكىلار، ناھىيىلەردە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنغان. قۇرۇلۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى بار جايلاردا تارماق بانكا تەسىس قىلىنغان. قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلۇش مەبلىغىنى توپلاپ تەقسىملەپ بېرىدۇ ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ، دېمەك، ئۇ مالىيە ۋە بانكىنىڭ قوش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپىي پائالىيىتى: ئاساس قۇرۇلۇش ۋە گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش چىقىم خام چوتىنى باشقۇرۇش؛ ئاساس قۇرۇلۇش مالىيە پىلانى ۋە ئاساس قۇرۇلۇش مالىيە راسچوتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛ ئاساس قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈش؛ ئاساس قۇرۇلۇشقا خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىش، ئاساس قۇرۇلۇشقا، تېخنىكا يېڭىلاشقا قەرز بېرىش؛ ئاساس قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تارقىتىش؛ ئېكسپورت سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قەرز بېرىش؛ ھاۋالە كەسپىنى قانات يايدۇرۇش؛ پۇل ئامانىتى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلغاندا، مالىيە مېنىسترلىكى رەھبەرلىك قىلغانىدى.1979 - يىلى8 - ئايدا گوۋۇيۈەن قۇرۇلۇش بانكىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ بەلگىلىدى.1982 - يىلى قۇرۇلۇش بانكىسى يەنە باش ئىدارە دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى
جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى | UyghurWiki | UyghurWiki