UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىجۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى

جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى

جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى مەخسۇس سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت بولۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىقتىسادىي گەۋدە، ئۇ1949 - يىل10 - ئاينىڭ20 - كۈنى قۇرۇلغان، باش شىركىتى بېيجىڭدا. جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شەرقىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىن ئىبارەت بەش رايوندا شىركىتى قۇرۇلغان، شىزاڭ، تەيۋەندىن باشقا ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا تارماق شىركىتى قۇرۇلغان ھەمدە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتىنى ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىپ، سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرغان. دۆلەت ئىچىدە، ئاساسلىقى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى، يۈك ترانسپورت سۇغۇرتىسى، ترانسپورت قوراللىرى سۇغۇرتىسى، ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى، چارۋا مال سۇغۇرتىسى، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى سۇغۇرتىسى، جىسمانىي ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە يولۇچىلارنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويغان.1959 - يىلى دۆلەت ئىچىدىكى سۇغۇرتا كەسپىنى توختىتىپ، پەقەت ئاز ساندىكى چېگرا ئېغىزلىرىدا تارماق ئاپپاراتلىرىنى ساقلاپ قالغان ۋە تاشقى سودا بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا تۈرلىرىنى بېجىرگەن.1980 - يىلى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى سۇغۇرتا كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، تارماق شىركەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە يېڭىدىن قۇرغان.1983 - يىل7 - ئايدا جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى قۇرۇلغان.1984 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن باشلاپ گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان. شىركەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىجارەت كەسپى ئاساسلىقى: كارخانا مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى، ئائىلە مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى، قاتناش قوراللىرى سۇغۇرتىسى، يۈك ترانسپورتى سۇغۇرتىسى، باقمىچىلىق كەسپى سۇغۇرتىسى، تېرىقچىلىق سۇغۇرتىسى، ئادەتتىكى جىسمانىي سۇغۇرتا، جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق130 دىن ئارتۇق تۈرى بار. سىرتقا چېتىلىدىغان تۈرلەردىن: دېڭىز - ئوكيان يۈك ترانسپورتى سۇغۇرتىسى، يىراق ئوكيان كېمە - پاراخوت سۇغۇرتىسى، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش سۇغۇرتىسى، بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سۇغۇرتىسى، مەبلەغ سۇغۇرتىسى، پايدىنىڭ زىيانغا ئۇچراش سۇغۇرتىسى، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى سۇغۇرتىسى قاتارلىق80 گە يېقىن تۈرى بار. جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ تولۇقلاپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى