جۇڭگو بانكىسى
جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى
جۇڭگو بانكىسى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس بانكا. ئۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە تىجارەت قىلىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەكتى چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا قۇرۇلغان بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى بانكىسى.1912 - يىلى جۇڭگو بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىپ باشقۇرغان.1928 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا پۇل پېرېۋوت بانكىسىغا ئايلانغان.1949 - يىلى جۇڭگو بانكىسىنى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، باش ئورگىنىنى شاڭخەيدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن.1953 - يىلى گوۋۇيۈەن »جۇڭگو بانكىسى نىزامى« نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بانكىسىنى دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت كەسپىي بانكىسى قىلىپ بەلگىلىدى.1979 - يىلى گوۋۇيۈەن جۇڭگو بانكىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق بانكا قىلىپ تەستىقلىدى.1983 - يىلى گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئىدارە دەرىجىلىك ئىقتىسادىي گەۋدە قىلىپ ئۆزگەرتىلدى ۋە كەسپىي جەھەتتە مەركىزىي بانكا بولغان جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش بەلگىلەندى.
جۇڭگو بانكىسى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مۇھىم پورت، شەھەرلەردە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلغان، دۆلەت سىرتىدىكى سودا، پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدىمۇ تارماق ئورگان ياكى ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ لوندون، نيۇ يورك، سىنگاپور، ليۇكسېمبورگ، شياڭگاڭ قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدە تارماق بانكىسى بار، توكيۇ، پارىژدا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بار. جۇڭگو بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى150 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ نەچچە مىڭ بانكا ئاپپاراتى بىلەن كەسپىي ئالاقىسى بار.
جۇڭگو بانكىسىنىڭ باش بانكىسى بېيجىڭدا بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇدىرىيەت ۋە نازارەت ئورگىنى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى: دۆلەت تاشقى پېرېۋوت مەبلىغىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت كىرىم - چىقىمىنى بىر تۇتاش بېجىرىش؛ بارلىق تاشقى پېرېۋوت كەسپى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خەلق پۇلى كەسپىنى باشقۇرۇش؛ تاشقى سودا ۋە غەيرىي سودىغا ئائىت خەلقئارا راسچوتنى بېجىرىش؛ تاشقى سودا كرېدىتى، جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار كرېدىتى، ئېكسپورت كرېدىتى، خەلقئارا بانكا كرېدىتى، خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ ئىشلىرى، خەلقئارا ئىجارە ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ دۆلەتنىڭ ھوقۇق بېرىشى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزىي بانكا بىلەن توختام تۈزۈش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت.
جۇڭگو بانكىسى تاشقى پېرېۋوت كەسپى جەھەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت كەسپىي بانكىسىلىق رولى؛ ئادەتتىكى خەلقئارا سودا بانكىسى رولى؛ ئېكسپورت كرېدىت بانكىسىلىق رولى؛ ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ بانكىسىلىق رولى؛ مەركەزلىك مەبلەغ جۇغلاش رولىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.