جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى
جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى باشقۇرىدىغان كەسپىي بانكا. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تۆت قېتىم قۇرۇلدى ۋە تارقىتىۋېتىلدى ۋە1979 - يىلى3 - ئايغا كەلگەندە، يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كەسپىي جەھەتتە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.
يېزا ئىگىلىك بانكىسى دۆلەت بانكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنىلا بـاشـقـۇرۇش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىچە: يېزا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، يېزا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەت، ئەمىر - پەرمان، قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈش ھەمدە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەش؛ دۆلەت پىلانىغا ئاساسەن يېزا كرېدىتى پىلانىنى تۈزۈش، يېزا مەبلىغىنى تەشكىللەش ، يېزا ئىقتىسادىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش؛ يېزىلاردا پۇل تارقىتىش ۋە خەزىنىلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش، يېزا پۇل ئوبوروتىنى تەڭشەش؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يېزا ئۆسۈم نىسبىتىنى، يېزا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى باشقۇرۇش؛ ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش، ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.
يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كەسپىي تىجارەت دائىرىسى ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېزىلارنىڭ تۈرلۈك پۇل ئامانەت ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ يېزىلاردىكى دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ۋە بىرلەشمە ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، سودا - سانائەت قەرز ئىشلىرىنى بېجىرىش، يېزىلارنىڭ ھاۋالە، ئىجارە، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق كەسپىي ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىش؛ يېزا سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش؛ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، يېزا پۇل مۇئامىلىسىدىكى تاشقى ئىشلار كەسپىنى بېجىرىش؛ دۆلەتنىڭ يېزىلارغا ئاجراتقان مەبلىغىنى نازارەت قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە گوۋۇيۈەن ۋە خەلق بانكىسى ھاۋالە قىلغان مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئىشلارنى بېجىرىش قاتارلىقلار.