زۇڭ چۆ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى زۇڭ چۆ (قاچان تۇغۇلغانلىقى نامەلۇم، مىلادىيە465 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ4 −5 ياش چاغلىرى بولۇپ، بىر كۈنى كىچىك دادىسى ئۇنىڭدىن: «چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتىسەن؟» دەپ سوراپتىكەن، ئۇ ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن: «بوران - چاپقۇنلارغا قارشى يۈرۈپ، تۈمەنلىگەن دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتىمەن!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، كېيىن زۇڭ چۆ دېگەندەك جەنۇبىي سۇلالىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى بولۇپ چىقىپتۇ. «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش» دېگەن ئىدىئوم شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
زۇڭ چۆ نەنياڭنىڭ نېياڭ (ھازىرقى خېنەندىكى جېنپىڭنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ) دېگەن يېرىدىن. كىچىكىدىنلا دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىلىمى مول ئوقۇمۇشلۇق كىچىك دادىسى زۇڭ بىڭنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغانىكەن. ئۇ زامانلاردا بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش كەيپىياتى تازا ئەۋج ئالغان بولغاچقا، زۇڭ بىڭنىڭ ئوغۇللىرى ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىنتايىن سىپايە چوڭ بوپتۇ. ئەمما، زۇڭ چۆ باتۇرلارغا چوقۇنۇپ، قورالغا ۋە جانبازلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ چىقىپتۇ. بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكىلىرى ئۇنىڭ باشقىچە يول تۇتقىنىدىن ھەيران بولۇپ: «قورال تۇتۇشنى ئۆگىنىشنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئەمەلدارلارنىڭ قايسىبىرى ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەل - مەرتىۋىگە ئېرىشمىگەن؟» دەپتۇ. ئەمما، زۇڭ بىڭ قەلەم ۋە ئەلەمنىڭ ھەر ئىككىسى دۆلەتكە ئوخشاشلا پايدىلىق، دەپ قارىغاچقا، جىيەنىنىڭ ئەلەم ئۆگىنىشىنى قوللاپتۇ.
زۇڭ چۆ14 ياشقا كىرگەن يىلى، مەلۇم بىر كېچىسى ئۆيگە ئون نەچچە ۋەھشىي قاراقچى بېسىپ كىرىپ، پىچاق بىلەن قورقۇتۇپ ئۆيدىكى ھەممە ئادەمنى بىر ئۆيگە قامىۋاپتۇ. زۇڭ بىڭنىڭ بىرنەچچە ئوغلى قىلچە قارشىلىق كۆرسىتەلمەپتۇ. ئۆينىڭ قۇرۇقدىلىپ قېلىش ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ قىرغىن قىلىنىش خەتىرى كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالغان شۇ پەيتتە، زۇڭ چۆ قولىغا مىس كالتەكنى ئاپتۇ - دە، ئۆيدىن ئېتىلىپ چىققان پېتى: «ھۇ قاپ يۈرەك قاراقچىلار، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى بۇلاشقا پېتىنىشتىڭما؟ قېنى كېلىشە!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە قاراقچىلارغا تاشلىنىپتۇ. قاراقچىلار ئۇنى قورشىۋېلىپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ. ئەمما، زۇڭ چۆ تېخى كىچىك بالا بولسىمۇ يۈرەكلىك ۋە ماھارەتكە پىشقان بولغاچقا، كالتەكنى پىرقىرىتىپ ئوينىتىپ، ھەش - پەش دېگۈچە5 −6 قاراقچىنى يەر چىشلىتىپتۇ. قالغانلىرى بۇ بالىغا تەڭ كېلەلمەي يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى پەملەپتۇ - دە، يېتىپ قالغانلىرىنى يۆلەپ، سۆرەشتۈرۈپ قۇيرۇقىنى خادا قىپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن زۇڭ بىڭ بالىلىرىغا: «قېنى قايسىڭلار ئەلەم ماھارىتى ئەسقاتمايدۇ دېيەلەيسىلەر؟ كۆردۈڭلارغۇ، زۇڭ چۆ شۇ ماھارىتى بىلەن قاراقچىلارنى قانداق جايلىدى؟» دەپتۇ.
زۇڭ چۆ چوڭ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باش سەركەردىسى بوپتۇ ۋە تەرەپ - تەرەپلەردە جەڭ قىلىپ دۈشمەنلىرىنى قىرىپ، دۆلىتىگە ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپتۇ.