شومۇتۈن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
شومۇتۈن(ئۇجالا) شىبە، 1915 - يىلى 10 - ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ناغرىچى دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ. 1922 - يىلىدىن 6192 - يىلغىچە سۈيدۈڭ كۈرەدىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1926 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئىپتىدائىي مەكتەپتە، 1931 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە غۇلجا خەنزۇ - رۇس مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلغىچە تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا گىئولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. 1937 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرمەي قايتىپ كېلىپ، 1938 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە غۇلجا بىلىم يۇرتىدا رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 38 - كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىقىلابىغا قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيە باش شىتاب رازۋېدكا بۆلۈمىدە رۇس تىلى تەرجىمانى، رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1946 - يىلى 11 - ئايدا چاپچال ناھىيىسىگە ھاكىم بولىدۇ، ھەربىي ئۇنۋانى ساقلىنىپ قالىدۇ، 1949 - يىلى 5 - ئايدا غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، مىللىي ئارمىيە باش شىتاب رازۋېدكا بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مىداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
شومۇتۈنگە 1949 - يىلىدىن كېيىن، غەربىي شىمال ھەربىي مەھكىمە تەرىپىدىن غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش مىدالى بېرىلىدۇ. ئۇ 9491 - يىلى 11 - ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ساقچى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، 1960 - يىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1978 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. 1984 - يىلى دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، شىبە تىلىدا جىڭ ئۇرۇشىنى مەزمۇن قىلغان <جىڭ دەرياسى>، <خان يايلاق ئۇرۇشى>، <ليەنخۇا>، <جاھانگىر خوجىنى تۇتۇش>، <چاڭغارنىڭ ئۈزۈكى>، <سولۇنلارنىڭ ئۇرۇش تارىخى>، <جۇڭگودىكى رۇسلارنىڭ تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازىدۇ.