ياللۇغ چۇساي
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيە1215 - يىلى چىڭگىزخان موڭغۇل ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ ئالتۇن دۆلىتى (جىڭگو دۆلىتى)نىڭ ئوتتۇرا ئاستانىسى (ھازىرقى بېيجىڭ) نى ئىشغال قىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن ئالتۇن سۇلالىسى ئەمەلدارى ياللۇغ چۇساينى (1190 −1244 - يىللار) چاقىرىپ كۆرۈشكەن. ئىككىيلەن سۆزلەشكەندە، چىڭگىزخان ياللۇغ چۇساينىڭ قابىلىيىتىگە ناھايىتى قايىل بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قېشىدا ئېلىپ قېلىپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن.
ياللۇغ چۇساي قىتانلاردىن بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دادىسى ياللۇغ لۈي ئالتۇن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شىزۇڭ زامانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان.60 ياشقا كىرگەندە ئوغلى ياللۇغ چۇساي تۇغۇلغان. ئۇ «زو چيۇنىڭ تەپسىرلىرى» دىكى ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوغلىغا «چۇساي» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ سۆز چۇ بەگلىكىدىكى ئىختىساسلىق كىشىلەر جىن بەگلىكى تەرىپىدىن پايدىلىنىلغان، دېگەن مەنىگە ئىگە. ياللۇغ چۇساي ئۈچ ياشقا كىرگەندە، دادىسى ۋاپات بولغان. ئۇ كىچىك چېغىدىن تارتىپلا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، جۇغراپىيە، كالېندارشۇناسلىق قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەن.24 يېشىدا ئالتۇن سۇلالىسىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى بولغان، كېيىن ئوتتۇرا ئاستانىنى ساقلىغان. ئۇ موڭغۇل خانلىقىغا ئەل بولغاندىن كېيىن، ھەر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى تۈزۈش مۇزاكىرە - قۇرۇلتايلىرىدا، چىڭگىزخان ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغان ھەم ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشىنىدىغان بولغان.1229 - يىلى، ئۇگداي تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ قاغان بولۇپ، دادىسى چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ياللۇغ چۇساينى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ھۆدەيچىلىك (ۋەزىرلىك) كە تەيىنلىگەن. ئۇ موڭغۇل خانلىقى ئوردىسىدا ئەڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن يات مىللەت كىشىسى بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگونىڭ بىرلىككە قاراپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
ياللۇغ چۇساي بىگۇناھ كىشىلەرنى كەلسە - كەلمەس ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرغان. موڭغۇل قوشۇنى ھەر تەرەپكە قىلغان ئىستېلاللىرىدا، كۆرگەنلا يېرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىدىكى خەلقلەرگە ناھايىتى زور بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرگەنىدى. غەربكە قىلىنغان ئىستېلا داۋامىدا، ئۇ پال ئېچىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ھاياتنى قەدىرلەش، قەتلىئامغا نەپرەت ياغدۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان.1232 - يىلى موڭغۇل قوشۇنى ئالتۇن سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي ئاستانىسى (ھازىرقى خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرى)نى ئىشغال قىلغاندا، ئۇ ھۈنەرۋەن - كاسىپلار ۋە باي ئائىلىلەرنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، قەتلىئام قىلىش ھەرىكىتىنى توسۇغان. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەسلىدىكى ئالتۇن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالىي رايونلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۈزەش پەرمانىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېكىن ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىنىدىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ يايلاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق پەرمانىنى چۈشۈرگەن ھەمدە فېئوداللىق باج - سېلىق تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورناتقان. موڭغۇل ھۆكۈمرانلارنى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە كۆندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئۇگدايغا كۇڭزىچىلىق مەكتەپلىرىنى ئېچىش، كېجۈ تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە بىلىملىك كىشىلەرنى ئەمەلگە قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن. مەمۇرىيەت ۋە باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا كۇڭزىچىلىقتىن تەلىم ئالغان نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ۋە مەلۇماتلىق ۋەزىرلەرنى ئىشقا قويغان. بۇ كىشىلەر موڭغۇل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ شىمالىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېيىنكى چاغلاردا يۈەن ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان روللارنى ئوينىغان.1241
- يىلى ئۇگداي ئۆلگەندىن كېيىن، خانىش مانايچىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرغاندا ياللۇغ چۇساي سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن خورسىنىش ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.