UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىۋاڭ روفېي

ۋاڭ روفېي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ۋاڭ روفېي (1896 −1946 - يىللار) گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۇن ناھىيىسىدىن، ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان.22 يېشىدا ياپونىيىگە بېرىپ مىڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.1919 - يىلى «4 - ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جاھانگىرلىككە قارشى نامايىشقا قاتناشقان ھەمدە كوچىغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىنى تېپىش ئۈچۈن، فرانسىيىگە بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان.1922 - يىلى ياۋروپانى ساياھەت قىلغۇچى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئۆمىكىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. كېيىنكى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.1925 - يىلى ئەتىيازدا، ۋاڭ روفېي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ج ك پ خېنەن - شەنشى رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.1926 - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.1927 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ج ك پ جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1928 - يىلى6 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك6 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. قۇرۇلتايدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا قېپقېلىپ، ج ك پ نىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەكىلى بولغان.1931 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسمىنى خۇاڭ جىڭجەيگە ئۆزگەرتىپ، ئىچكى موڭغۇلدا ج ك پ نىڭ غەربىي شىمال رايونلۇق خىزمەت كومىتېتىنى قۇرغان، گۇيسۇي (ھازىرقى كۆكخوت شەھىرى) ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلغان، يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، يېزا ئىنقىلابىي بازىسى قۇرغان.10 - ئايدا باۋتۇدا بەختكە قارشى قولغا چۈشۈپ قېلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ ئالتە يىللىق تۈرمە ھاياتىدا دۈشمەن بىلەن ئېگىلمەي - سۇنماي قەتئىي كۈرەش قىلغان.1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ج ك پ شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونلۇق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،8 - ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ج ك پ پارتىيە خىزمىتى تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، پارتىيىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان ھەمدە نۇرغۇن تەشكىلاتچىلىق خىزمىتى ئىشلىگەن.1945 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.1945 - يىلى8 - ئايدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋاڭ روفېي ج ك پ نىڭ بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە چۇڭچىڭغا بېرىپ، گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.1946 - يىلى1 - ئايدا، ج ك پ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە چۇڭچىڭدا سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.1946 - يىلى4 - ئاينىڭ8 - كۈنى، ۋاڭ روفېي چۇڭچىڭدىن يەنئەنگە قايتىپ كېلىۋېتىپ سەنشى ئۆلكىسى شىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ خېيچاشەن دېگەن يېرىگە كەلگەندە، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان. ئۇ چۇڭچىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، جۇ ئېنلەيگە: «ھەممە ئىشتا خەلقنى ئويلاش» دېگەن گەپنى قىلغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ سۆزى دەل ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىنىڭ يەكۈنىدۇر.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى