UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىچېن يۈن

چېن يۈن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى چېن يۈن (1905 −1995 - يىللار) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئۇنىڭغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. چېن يۈن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭپۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1925 - يىلى «30 - ماي» ھەرىكىتىگە قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1926 - يىلىدىن1927 - يىلىغىچە شاڭخەيدىكى ئۈچ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتناشقان، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭپۇدا دېھقانلارنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، نەتىجىدە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.1929 - يىلىدىن1932 - يىلىغىچە شاڭخەيدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ج ك پ جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1931 - يىلىدىكى پارتىيە6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن ئېتىبارەن، ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1933 - يىلى مەركىزىي ئىنقىلابىي بازا − رۇيجىنگە كەلگەن.1934 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئاقلار رايونى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.1935 - يىلى ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، مەركەزنىڭ5 - جۈنتۇەندىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە زۇنيى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنى پائال قوللىغان.1935 - يىلى6 - ئايدا، مەركەزنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن سىچۇەندىن شاڭخەيگە بېرىپ، پارتىيىنىڭ مەخپىي خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. شۇ يىلى9 - ئايدا موسكۋاغا بېرىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمالغا يۆتكىلىش ئەھۋالى ۋە زۇنيى يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ يەنە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ «قىزىل ئارمىيىنىڭ غەربكە يۈرۈشىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم» نى يېزىپ، دۇنيا ئەھلىگە ئۇزۇن سەپەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم تەشۋىق قىلغان.1937 - يىلى4 - ئايدا يەنئەنگە قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش مەزگىلىدە، رەھبەرلەرنىڭ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا «يۇقىرىنىڭكىگىلا، كىتابتىكىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق، پەقەت پاكىتنىلا ئاساس قىلىش» تەك ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي شىمالنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، شىمالىي مانجۇرىيە ۋە جەنۇبىي مانجۇرىيىدە ئۇرۇش قىلغان؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمال رايونلۇق بيۇروسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە شەرقىي شىمال دېموكراتىك بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، شەرقىي شىمال ئىنقىلابىي بازىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازاد قىلىنىشى ۋە زور قوشۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز مالىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىگە ئۇزاق مۇددەت رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا چوقۇم دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى، بۇ ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، لىن بياۋ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان، ئەينى چاغدا خاتا تەنقىد قىلىنىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىدىن باشقا بارلىق ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان ھەمدە زاۋۇتقا بېرىپ «نۇقتىدا تۇرۇش» قا ئەۋەتىلىپ، ئۈچ يىلدىن ئۇزاقراق تۇرغان.1978 - يىلى پارتىيە11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان، قوشۇمچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ1 - شۇجىسى بولغان،2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان يولداش چېن يۈن ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ يېزا ئىگىلىكى خىزمىتىگە، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيىدىكىلەرنى «دېھقانلار بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ»، «ئاشلىق بولمىسا قالايمىقانلىق كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن تارىخىي تەجرىبىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن تۈردە: ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئىستىلى ئۇنىڭ ھايات - ماماتىغا چېتىلىدىغان مەسىلىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى