UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىيىن دېشەن

يىن دېشەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى شىبە، 1886 - يىلى تۇغۇلغان. ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن، ئىلى كۈرە مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1903 - يىلى مانجۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالما - ئاتا گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا چىقارغان. 1910 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، نەنجىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1929 - يىلى نەنجىن ھۆكۈمىتى ئۇنى جۇڭگونىڭ ئالما - ئاتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بەلگىلەيدۇ. بىر يىل بولمىغان ۋاقىتتا يەنى 1930 - يىلى مانجۇرىيەدە جۇڭگو - روسىيە قوراللىق توقۇنۇشى يۈز بېرىدۇ. بۇ كۈنلەردە روسىيىدىكى ھەر قايسى جۇڭگو كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا روسىيىلىكلەر نامايىش قىلىپ كونسۇل دەرۋازىلىرىنى چاقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روسىيىدىكى ھەر قايسى كونسۇللار قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا يىن دېشەن پولەك ئايال بىلەن توي قىلىپ نەنجىندە تۇرىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، بېيجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇس تىلى پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1957 - يىلى ئوڭچى بولۇپ غۇلجىغا قايتۇرۇلىدۇ. 1958 - يىلى كېسەل بولۇپ ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى